ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پرىيانكا بىلەن كارېننا بۇ ئىش سەۋەبلىك قېيدىشىپ قالغان

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 10:14

كارېننا كاپۇر خان ۋە پرىيانكا چوپرا بوللىۋودتىكى ئەڭ تالانتلىق ئايال ئارتىسلار. ئىككەيلەن يەنە بىر قىسىم كىنولاردا ھەمكارلاشقان.

بىراق، راستىنى ئېيتقاندا، ئالدىنقى بىر مەزگىل ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى بولمىغان. ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى 2004-يىلى ئۇلارنىڭ «ئەتراز» ناملىق كىنوسىدىن كېيىن باشلانغان. ئۇلار ھەتتا بىر-بىرىنىڭ زىتىغا تەگكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى كاران جوھارنىڭ «قەھۋە» ناملىق پروگراممىسىغا قاتنىشىشتىن باشلانغان. كارېننا كاپۇر كاران جوھارغا رانى مۇكەرجىنى بوللىۋودتىكى رىقابەتچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ ھەتتا پرىيانكانى ئارتىس دەپ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان. بۇ پرىيانكانىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن. پىروگراممىدا يەنە كارېننا كاپۇر خان پرىيانكادىن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراپ سوئال سورىغان، پرىيانكا بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان، بۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كېيىن ئىككەيلەن كاران جوھارنىڭ پروگراممىسىغا قاتناشقاندا، كارېننا ئۆزىنى بوللىۋودتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭدىن ئىككىنچى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس كىم؟ دەپ سورالغاندا، كارېننا رول ئېلىش ماھارىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پرىيانكا چوپرا دېگەن. بۇنىڭغا قارىتا پرىيانكا كارېننانىڭ دېگەنلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئەگەر ھەرقانداق بىر ئايال ئارتىس قانداق رول ئېلىشنى بىلسە، ئۇنىڭ چوقۇم ئۆزى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ دائىم سەل قارىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ شان-شەرەپكە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر ئىككەيلەن يارىشىپ قالدى. پرىيانكا ھازىر دۇنياۋى چولپان، كارېننا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم «خۇشخەۋەر» ناملىق كىنودا رول ئالغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پرىيانكا بىلەن كارېننا بۇ ئىش سەۋەبلىك قېيدىشىپ قالغان

كارېننا كاپۇر خان ۋە پرىيانكا چوپرا بوللىۋودتىكى ئەڭ تالانتلىق ئايال ئارتىسلار. ئىككەيلەن يەنە بىر قىسىم كىنولاردا ھەمكارلاشقان.