ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قول خوتلۇق ئاپتوموبىلدا داۋانغا قانچىنچى خوتتا چىقىش كېرەك؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 14:57

ئادەتتە ئاپتوموبىلدا داۋانغا چىققاندا كۆپىنچە تۆۋەنرەك خوتتا داۋانغا چىقىمىز. ئاساسلىقى تۆۋەن خوتنى ئىشلىتىپ دۆڭگە ياماشسا، موتورغا نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك سۈرئەت ئاستىلىتىش رولى بولىدۇ. شۇڭا، موتورنىڭ تولغىنىش مومېنتى چوڭراق بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا داۋانغا يامىشىش بىر قەدەر ئاسان بولىدۇ؛ ئەگەر خوت ئورنى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، تولغىنىش مومېنتى ئاسانلا كىچىكلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن داۋانغا چىققاندا ئاسانلا ئوتى ئۆچۈپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ئەگەر داۋانغا چىققاندا بىرىنچى خوتتا ھەيدىسە ئاپتوموبىلغا زىيان يەتكۈزەمدۇ؟ تۆۋەندە تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.

ئاپتوموبىل ناھايىتى چىداملىق سانائەت مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەمنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا ئېلىپ بېرىپ، سەپەرنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، چىداملىق سانائەت مەھسۇلاتى بولغانىكەن، بىرىنچى خوتتا يۈرگەندە موتور بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ياكى زەربىگە ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولمايدۇ، ئەمما بىرىنچى خوتتا يۈرسە ئاپتوموبىل موتورىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل سۈرئىتى ئاستا بولىدۇ، ئادەمگە خۇددى ئاپتوموبىل زىيادە كۈچەپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىلغا زىيان يېتىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز.



ئەمما بىز ئادەتتە ھەيدەيدىغان ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يول يۈرۈشى نورمال بولسىلا مەسىلە چىقمايدۇ، ئاپتوموبىلدا ناھايىتى مۇكەممەل بولغان سوۋۇتۇش سىستېمىسى ۋە سىلىقلاش سىستېمىسى بولىدۇ، 1-خوتمۇ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە چوقۇم سېلىشقا توغرا كېلىدىغان خوت ئورنى. شۇڭا، بىرىنچى خوتتا داۋانغا چىققاندا، ئۇزۇن ۋاقىت توختىماي داۋانغا چىقمىسىلا بەك كۆپ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت ئوتتۇرىچە ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىلنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن ئاپتوموبىلدىكى سوۋۇتۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، پەقەت سۇ ساندۇقىغا قاچىلغىنى سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى بولسىلا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.




ئۇنداقتا كۆپچىلىكنىڭ ئاپتوموبىلنى بۇزىدۇ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ سىز سېتىۋالغان مېخانىكىلىق نەرسىنىڭ ئۆمرى سېتىۋېلىنغان كۈندىن باشلاپ تەتۈر ساناققا ئۆتىدۇ، لېكىن سىز ھەيدىمەي قويۇپ قويسىڭىز ئوق قازان، بالون قاتارلىق ئاسان بۇزۇلىدىغان زاپچاسلار كونىراپ ۋە ئۇپراپ چىقىدۇ. سوئالغا قايتىپ كەلسەك، بىرىنچى خوتتا داۋانغا چىققاندا ئاپتوموبىلغا زىيان يەتكۈزەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلىڭىز داۋانغان چىقالىسىلا زىيان يەتمەيدۇ. قولدا باشقۇرۇلىدىغان سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى خوتنىڭ چىشى ئەڭ چوڭ بولغاچقا، داۋانغا چىقىش جەريانىدا بىرىنچى خوتنىڭ تولغىنىش مومېنتى ئەڭ چوڭ بولىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز بولمايدۇ، خالاس. موتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ماينى كۆپ سەرپ قىلىدۇ. پەقەت مۇشۇلا خالاس. ئەگەر داۋانغا چىقىش جەريانىدا مۇفتىغا يېرىم دەسسەپ تۇرسىڭىز مۇپتا ياپراقچىسى ئاساسىي جەھەتتىن كۆيۈپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندىمۇ باشقا ھەرىكەت ئۇزىتىش ۋە مېڭىش مېخانىزملىرىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ئۇنداقتا قول خوتلۇق ئاپتوموبىلدا داۋانغا چىققاندا زادى قانچىنچى خوتنى ئىشلىتىش كېرەك؟

ئەمەلىيەتتە، بۇنى يانتۇلۇققا قاراپ تاللاش كېرەك، چۈنكى ئاپتوموبىلنىڭ خوت ئورنى قانچە تۆۋەن بولسا، ھەرىكەت ئۇزىتىش نىسبىتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ، شۇڭا موتورنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شۇنچە چوڭىيىدۇ. شۇڭا بىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئالاھىدە تىك داۋانغا چىققاندا، بىرىنچى خوتتىن باشلاپ سىناپ باقساق بولىدۇ. بىرىنچى خوتتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھەمدە ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بوشلۇقى بار دەپ ھېس قىلغان ۋاقىتتا، خوتنى ئىككىنچى خوتقا يۆتكىسەك بولىدۇ، ئەگەر يانتۇلۇقتا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىككىنچى خوتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلساق، خوت ئورنىنى 1-خوتقا يۆتكىسەك بولىدۇ.

قىسقىسى، بىز قول خوتلۇق ئاپتوموبىلدا داۋانغا چىققاندا، ئەڭ مۇھىمى خوتنى ياخشى كونترول قىلىشىمىز كېرەك، خوتنى بىراقلا بەك يۇقىرى خوتقا سالماسلىق كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماي ئوت ئۆچۈپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى 3-خوتتىن تۆۋەن خوتتا ھەيدەپ، داۋان تۈزلەنگەندە ئاندىن يۇقىرى خوتقا سېلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قول خوتلۇق ئاپتوموبىلدا داۋانغا قانچىنچى خوتتا چىقىش كېرەك؟

ئادەتتە ئاپتوموبىلدا داۋانغا چىققاندا كۆپىنچە تۆۋەنرەك خوتتا داۋانغا چىقىمىز. ئاساسلىقى تۆۋەن خوتنى ئىشلىتىپ دۆڭگە ياماشسا، موتورغا نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك سۈرئەت ئاستىلىتىش رولى بولىدۇ.