ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شۋېتسارىيە مېھمانسارىيى يۇقۇم مەزگىلىدە ئالاھىدە مۇلازىمەتنى يولغا قويدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 15:25

شۋېتسارىيە مېھمانسارىيى يولغا قويغان ئالاھىدە يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى: يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش 500 ئامېرىكا دوللىرى، پۈتۈن كۈنلۈك پەرۋىش 4800 ئامېرىكا دوللىرى.

جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، يەر شارى مېھمانساراي كەسپى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. كىرىم قىلىش ئۈچۈن، شىۋېتسارىيە ئالىي مېھمانسارىيى يۇقۇمغا قارىتا ئالاھىدە مۇلازىمەتنى يولغا قويدى، بۇنىڭدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئايرىۋېتىلگەن ياتاق بىناسى ۋە ۋىرۇس تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالاش مۇلازىمىتى بار ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۋېتسارىيە يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانساراي شىركىتى لېبىيۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا ئالاھىدە مۇلازىمەتنى يولغا قويدى، جۈملىدىن ئۆي ئىچى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، دوختۇر دىياگنوز قويۇش ۋە پۈتۈن كۈن پەرۋىش قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىمەكچى بولدى.

بۇ مېھمانخانىنىڭ بىرلەشمە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خابنېر زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «3-ئاينىڭ بېشىدا، شىركەتنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى... بىز بۇ ئەھۋالغا قارىتا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك.»

خابنېر بىلدۈرۈشىچە، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن مېھمانساراي كارانتىن قىلىشقا پايدىلىق مۇلازىمەتنى يولغا قويدى، مەسىلەن، خېرىدارنىڭ ئۆزى كۆچۈپ كىرىشى (بۇنداق بولغاندا مېھمانلارنىڭ ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى ھاجەتسىز) ۋە شۋېتسارىيە شەخسىي ساغلاملىق شىپاخانىسى تەمىنلىگەن ئۆي ئىچى داۋالاش مۇلازىمىتى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خېرىدارلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆي ئىچى مۇلازىمىتىنى سېتىۋالسا بولىدىكەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش تەخمىنەن 500 ئامېرىكا دوللىرى، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم سېسترانىڭ كىرىپ مۇلازىمەت قىلىشى 1800 ئامېرىكا دوللىرى، 24 سائەتلىك پەرۋىش مۇلازىمىتى تەخمىنەن 4800 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مېھمانخانا يەنە تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە شەخسىي ئاشپەز بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بىراق مېھمانخانا كۈندىلىك تازىلاشنى ئازايتقان، پەقەت مېھمانلار ياتاقنى قايتۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە دېزىنفېكسىيە قىلغان. تازىلىق خادىملىرى شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ماسكا ۋە پەلەي تاقىشى زۆرۈر بولغان.

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خابنېر بۇ مۇلازىمەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ بەش كىشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

گەرچە يەنىلا نۇرغۇن مېھمانخانىلارنى زاكاز قىلغىلى بولسىمۇ، لېكىن خەۋەردە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ۋاقىتتا ساياھەت قىلماسلىقى تەۋسىيە قىلىنغان. ئاقساراي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: پۇقرالار ئەركىن ساياھەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇن بارلىق خەلقئارالىق ساياھەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شۋېتسارىيە مېھمانسارىيى يۇقۇم مەزگىلىدە ئالاھىدە مۇلازىمەتنى يولغا قويدى

شۋېتسارىيە مېھمانسارىيى يولغا قويغان ئالاھىدە يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى: يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش 500 ئامېرىكا دوللىرى، پۈتۈن كۈنلۈك پەرۋىش 4800 ئامېرىكا دوللىرى.