ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېگان خاررىنىڭ ئەنگلىيەگە قايتىپ دادىسىنى يوقلىشىنى قاتتىق توستى

مەنبەسى:نۇرتورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 15:29

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەر ئېلان قىلدى، 71 ياشلىق ئەنگلىيە ۋەلىئەھدى چارلىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى تەكشۈرۈشىدىكى نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى. بۇ مەزگىلدە چارلىز ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى بىلەن ئۇچراشقان، بۇ پۈتكۈل خان جەمەتىگە نىسبەتەن بىر ئېغىر زەربە ئىدى. بۇ مۇھىم پەيتتە، مېگان خاررىنىڭ ئەنگلىيەگە قايتىپ دادىسىنى يوقلىشىنى چەكلىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاھزادە خاررى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ ئايالى مېگان ۋە ئوغلى ئارچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكەن، لېكىن ئۇ دادىسى چارلىز ۋە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن، ئويلىمىغان يەردىن بۇ رېئاللىققا ئايلانغان. شاھزادە چارلىزغا دىياگنوز قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى خاررىنىڭ ۋەتەنگە قايتىش-قايتماسلىق مەسىلىسى بولغان ئىدى. چارلىزغا دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ھەر خىل ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولۇپ، خاررىنىڭ ھەرىكىتى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر خەۋەرچى پوچتا گېزىتى مۇخبىرىغا مېگاننىڭ خاررىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەنگلىيەگە بېرىپ ئاغرىپ قالغان دادىسى چارلىزنى يوقلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئېيتىشىچە، مېگان ھەرقانداق ئەھۋالدا، خاررىنىڭ ھەرقانداق جايغا بېرىشىغا قوشۇلمايدىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلار قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى: خاررى ھازىر ئىزچىل چارلىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى، چۈنكى خاررى بىر ئەمەلىيەتچى، ئۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشنى تېخىمۇ خالايدۇ، ئەپسۇس ھازىرقى ئەھۋال بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ، دادىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمايدۇ. شاھزادە خاررى ھەر خىل تەشۋىشلەرگە پېتىپ قالدى، بىر تەرەپتە خوتۇن-بالىسى، يەنە بىر تەرەپتە ئۆز دادىسى، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.

شۇ كۈنى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مېگان ھازىر ھەر كۈنى بالا بېقىپ، ئىتلىرىنى يېتىلەپ ئايلىنىشقا ھېرىسمەن بولۇپ، ئارچىنىڭ 5-ئايدىكى تۇغۇلغان كۈنىگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، يەنە تېخى ئۆزىنىڭ خان جەمەتىدىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت بۇ قارارىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. خاررىنىڭ ئەنگلىيەگە بولغان ئەندىشىسىنى ئۇ قانچىلىك چۈشىنىدۇ؟ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: «خاررى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، شاھزادە چارلىز يەنىلا ئايرىۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرىدۇ، ئاتا-بالا يەنىلا كۆرۈشەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە كېسەل مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇپ خوتۇن-بالىلىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك».


خاررى بىلەن چارلىز ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاغرىپ قالغان مەزگىلدە بىر-بىرىگە ھەمراھ بولالمىدى، بۇ ھازىرقى يۇقۇم مەزگىلىدىكى نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. ئىنسان شان-شەرەپ ۋە بايلىققا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، ھايات-مامات، ئاغرىق-سىلاق، ئۆلۈم-يېتىم، قايغۇ-ھەسرەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مېگان خاررىنىڭ ئەنگلىيەگە قايتىپ دادىسىنى يوقلىشىنى قاتتىق توستى

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەر ئېلان قىلدى، 71 ياشلىق ئەنگلىيە ۋەلىئەھدى چارلىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى تەكشۈرۈشىدىكى نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى.