ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇھى چاۋلا يۇقۇم مەزگىلىدە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 17:13

يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى بوللىۋودتىكى داڭلىق شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ھىندىستان 21 كۈنلۈك قامال جەريانىدا نۇرغۇن چولپانلار ئىلگىرى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى. جۇھى چاۋلا ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ جەرياندا ئۇ ناخشا دەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.



جۇھىنىڭ «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»گە ئېيتىشىچە، ئوغلى ئارجۇن ۋە قىزى جانۋى ئەنگلىيەدە ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيەدە يۇقۇم يامرىغانلىقتىن ئۇلارنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كەلگەن. جانۋى بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدە، ئەمما ئارجۇن ئۇنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئوغلى بىلەن يېڭى قىزىقىشلارنى تەرەققىي قىلىدۇرىۋېتپىتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا يېڭى ماھارەت ئۆگەنگەنلىكىنى ھەمبەھىرلىدى.



«مەن ئەسلىدە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىۋاتاتتىم، ئەمما بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى زېھنىمنى مەركەزلەشتۈرەلمىگەچكە ۋاز كەچكەن. ئوقۇتقۇچۇم ئۇچۇر يوللىدى، مەن ئۆيدە ئايرىۋېتىلگەن ۋاقىتنىڭ مەشىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ھازىر توردا دەرس ئاڭلاۋاتىمەن» دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇھى چاۋلا يۇقۇم مەزگىلىدە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەندى

يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى بوللىۋودتىكى داڭلىق شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى.