ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوللىۋود چولپىنى كەرىشما كاپۇرنىڭ رومانتىك تارىخى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 17:23

كەرىشما كاپۇر 90-يىللاردا بوللىۋودقا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئارتىسلارنىڭ بىرى. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا «راجا بابۇ» (1993)، «راجا ھىندۇستانى» (1996) قاتارلىق نادىر فىلىملەرنى ئىشلىگەن. كەرىشما كىنوچىلىق ھاياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ لېكىن رېئال تۇرمۇشتا، ھېسسىيات ۋە توي جەھەتتە ئانچە خۇشال بولالمىغان. تۆۋەندە كەرىشمانىڭ رومانتىك تارىخىغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى.



ئاجەي دېۋگان

كەرىشما كاپۇر 1991-يىلى «Prem Qaidi» بىلەن بوللىۋودقا كىرگەن. تۇنجى فىلىمىدىن كېيىن، كەرىشما فىلىم «Jigar»دا ئاجەي دېۋگان بىلەن ھەمكارلاشقان، ئىككەيلەن كىنو ئىشلەش جەريانىدا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان. لېكىن 1995-يىلى ئايرىلىپ كەتكەن، كېيىن ئاجەي فىلىم «Hulchul»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا كاجولنى ياخشى كۆرۈپ قالغان.




ئاكشايې كاننا

90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، كەرىشما كاپۇرنىڭ ئاكشايې كاننا بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان. ئىككىسى بىر ژۇرنال مۇقاۋىسىغا سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرۇلۇق پەرەز قىلىشقا باشلىغان. لېكىن ئۇلار ئىزچىل بۇ توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئاكشايې بىلەن كەرىشمانىڭ توي قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەرمۇ تارقالغان، ئىگىلىنىشىچە، كەرىشمانىڭ دادىسى راندىر كاپۇر ئاكشايېنىڭ دادىسى ۋىنود كاننا بىلەن بالىلىرىنىڭ توي ئىشىنى دېيىشكەن. لېكىن بۇ توي كەرىشمانىڭ ئاپىسى بابىتا كاپۇر سەۋەبىدىن ئىشقا ئاشمىغان. كەرىشما كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرغاچقا، ئاپىسى ئۇنىڭ توي قىلىشىغا يول قويمىغان. ئاكشايې تارتىنچاق خاراكتېرى سەۋەبىدىن بۇ ئىشقا قارشىلىق قىلالمىغان.



ئابىشېك باچچان

ئاكشايې كاننادىن كېيىن، كەرىشما كاپۇر ئابىشېك باچچان بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇلارغا چاي ئىچۈرۈلگەن. ئەمما بىر نەچچە ئايدىن كېيىن تويى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.



سۇنجاي كاپۇر

كەرىشما كاپۇر 2003-يىلى سودىگەر سۇنجاي كاپۇر بىلەن توي قىلغان. كەرىشما توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە جىسمانىي خورلىنىشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار. قىزى سەمېرا كاپۇر ۋە ئوغلى كىيان راج كاپۇر، ئۇزۇن يىللىق دەتالاش ۋە ئايرىلىپ تۇرۇلۇشتىن كېيىن ئۇلار ئاخىرى 2016-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوللىۋود چولپىنى كەرىشما كاپۇرنىڭ رومانتىك تارىخى

كەرىشما كاپۇر 90-يىللاردا بوللىۋودقا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئارتىسلارنىڭ بىرى. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا «راجا بابۇ» (1993)، «راجا ھىندۇستانى» (1996) قاتارلىق نادىر فىلىملەرنى ئىشلىگەن.