ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پاكىستاننىڭ مودا ماركىلىرىغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان بوللىۋود چولپانلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 17:41

ھەر يىلى يازدا، پاكىستانلىق لايىھەلىگۈچىلەر بىر-بىرى بىلەن كەسكىن رىقابەتلىشىپ ماركا داڭقى ۋە ئابرويىنى ئاشۇرۇپ، سېتىلىش مىقدارىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئوبراز ۋەكىلى ئۈچۈن ئۇلار پاكىستاننىڭ يەرلىك چولپانلىرىدىن تەكلىپ قىلغاندىن باشقا يەنە بوللىۋود چولپانلىرىنىمۇ پاكىستان ماركىلىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. مەسلەن كارېننا كاپۇر خان Faraz Manaغا، نەرگىس فەكرى Elanغا، پرىيانكا چوپرا Fahad Hussaynغا، جەكۋىلىن فېرناندېز Zainab Chottaniغا، كاترىنا كەيف Five Star Classic Lawnغا، دېپىكا پادۇكون، سونام كاپور ۋە دىيا مىرزا irdous lawnغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان.



كارېننا كاپۇر خان

مودېل: Faraz Manan

پاكىستانلىق لايىھەلىگۈچى فاراز مانان ئۆزىنىڭ ماركىسى ئۈچۈن كارېننا كاپۇرنى ئوبراز ۋەكىللىكىگە تەكلىپ قىلغان. بۇ بۇ ماركىنىڭ ئۇدا ئىككىنچى قېتىم بوللىۋود چولپىنىنى ئوبراز ۋەكىللىكىگە تەكلىپ قىلىشى. ماركا ئېلان سۈرەتلىرى ھىندىستاننىڭ گوئادا تارتىلغان، بۇ لايىھەلىگۈچىنىڭ تۇنجى قېتىم كاپۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىشى ئەمەس، ئىلگىرى فاراز كارېننانىڭ ھەدىسى كەرىشما بىلەنمۇ ھەمكارلاشقان.



جەكۋىلىن فېرناندېز

مودېل: Zainab Chottani

جەكۋىلىن فېرناندېز زەينەپ چوتتانىنىڭ لاخانى يىپەك زاۋۇتى بىلەن ھەمكارلىشىپ يولغا قويۇلغان يېڭى ئۇسلۇبتىكى لايىھەلەرگە مودېل بولغان. جەكۋىلىن بۇ ماركا توغرۇلۇق توختىلىپ زەينەپ چوتتانىنىڭ ماركىسى پاكىستاندىلا ئەمەس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھىندىستان، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، دېگەن.



پرىيانكا چوپرا

مودېل: Fahad Hussayn

2012-يىلى Ittehad توقۇمىچىلىق شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ ماركىسىنى چىقارغان فاھاد ھۈسەيىن بوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى پرىيانكا چوپرا بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاجايىپ كەچۈرمىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. فاھاد مۇنداق دېدى: «بوللىۋود پاكىستاندا ناھايىتى داڭلىق! مېنىڭچە بۇ خىل ھەمكارلىقتىن دۇنياۋى تەسىرگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. ماركىمىز لايىھەلىگەندە، ئۇ پەقەت پاكىستاندا ياشايدىغان كىشىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، چەتئەللەردە ياشايدىغان پاكىستانلىقلار ئۈچۈنمۇ لايىھەلەنگەن ھەمدە ھىندىستانلىقلارمۇ بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى.



نەرگىس فەكرى

مودېل: Elan

پاكىستانلىق لايىھەلىگۈچى خەدىچە شاھ ئۆزىنىڭ «Elan» ماركىسى ئېلانى ئۈچۈن بوللىۋود كىنو چولپىنى نەرگىس فەكرىنى تەكلىپ قىلغان. خەدىچەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھىندىستانلىق داڭلىق شەخسلەرنى پاكىستان مەھسۇلاتىنىڭ ئېلانىغا تاللاش ئەقىلگە مۇۋاپىق، چۈنكى ئۇنىڭ ماركىسى ھىندىستان ۋە پاكىستان بازىرىغا تەمىنلىنىدۇ. خەدىچە بوللىۋودنىڭ بۇ دۆلەتتىكى غايەت زور داڭقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پاكىستاندا ھەممەيلەن ھىندىستان كىنولىرىغا مەپتۇن، ھىندىستان ئارتىسلىرىغا بولغان قىزىقىشى ۋە قايىللىق ئىنتايىن زور.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پاكىستاننىڭ مودا ماركىلىرىغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان بوللىۋود چولپانلىرى

ھەر يىلى يازدا، پاكىستانلىق لايىھەلىگۈچىلەر بىر-بىرى بىلەن كەسكىن رىقابەتلىشىپ ماركا داڭقى ۋە ئابرويىنى ئاشۇرۇپ، سېتىلىش مىقدارىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ.