ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋولكسۋاگېن 245 مىليارد يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 17:49

ۋولكسۋاگېن گۇرۇھ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ۋەقەسى بىر مەيدان بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، داۋاملىشىش ۋاقتى ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان «قاباھەتلىك چۈش».

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ۋولكسۋاگېن گۇرۇھى ئۆزىنىڭ «دىزېل مېيى ساختىلىق ۋەقەسى» سەۋەبىدىن ھازىر 31 مىليارد 300 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 245 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى) جەرىمانە ۋە يارىشىش پۇلى تۆلەش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋولكسۋاگېن تەرەپنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ بىر قىسىم زىيان 2021-يىلىغىچە داۋاملىشىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ پۇلنى تەييارلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسى ۋولكسۋاگېن قارمىقىدىكى بىر قىسىم دىزېل يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئامېرىكىدىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش سىنىقىدا قانۇنسىز يۇمشاق دېتال ئىشلىتىپ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەردىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى، بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ئەمەلىي بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن 10-14 ھەسسە ئېشىپ كېتىپ، جامائەت ساغلاملىقىغا غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ۋولكسۋاگېن شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 11 مىليون ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىلنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پورسچى، ئاۋدىنىڭ بىر قىسىم دىزېل ئاپتوموبىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

بۇ تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان، ۋولكسۋاگېن گۇرۇھى سانسىز قېتىم تەكشۈرۈش ۋە دەۋا قىلىشقا ئۇچرىدى، جەمئىي زىيان يەنىلا داۋاملىق ئاشماقتا، بۇ مەسىلىلەرنى يەنە بىر نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىلا ۋولكسۋاگېننىڭ بۇ ئالاھىدە چىقىمى ئىككى مىليارد 300 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 18 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى)غا يەتكەن. ۋولكسۋاگېن مالىيە ئەمەلدارى فرانك ۋىتتېل مۇنداق دېدى: 2020-يىلدىكى ئالاھىدە چىقىم ئىككى مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، 2021-يىلى بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنگە چۈشۈشى مۇمكىن. ۋولكسۋاگېننىڭ بىر باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، گۇرۇھ ئېھتىياجلىق نەق پۇلنى تەييارلاپ قويۇپتۇ.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ۋولكسۋاگېن يەر شارى مىقياسىدا نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىنى توختاتتى، ۋولكسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ CEO سى ھېربېرت دىس گېرمانىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو بازىرىدا تىجارەت كىرىمى بولىۋاتقاندىن سىرت، باشقا رايونلاردا سېتىش نەتىجىسى ياكى كىرىم يوق، ھەمدە بۇ مەزگىلدە يۇقىرى سوممىلىق مۇقىم تەننەرخنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا توغرا كەلدى، ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن ئىككى مىليارد ياۋرو.

دىس يەنە مۇنداق دېدى: ۋولكسۋاگېننىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى كۆچمە مەبلىغى 21 مىليارد 300 مىليون ياۋرو بولۇپ، نۆۋەتتە بىز ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش مەبلىغىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋولكسۋاگېن 245 مىليارد يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ

ۋولكسۋاگېن گۇرۇھ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ۋەقەسى بىر مەيدان بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، داۋاملىشىش ۋاقتى ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان «قاباھەتلىك چۈش».