ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسپانىيە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشقان ئۈچىنچى دۆلەتكە ئايلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 18:10

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسپانىيەدە يېڭىدىن 7719 نەپەر كىشىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغ بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشكەن بولۇپ، يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشكەن كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 102 مىڭ 136 نەپەرگە يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىدىن 864 نەپەر كىشى يۇقۇم سەۋەبلىك قازا قىلغان بولۇپ، جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 9053 نەپەرگە يەتكەن. ئىسپانىيە ئامېرىكا ۋە ئىتالىيەدىن كېيىنلا ئۈچىنچى بولۇپ 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشكەن دۆلەتكە ئايلاندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有