ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دېپىكا پادۇكوننىڭ سابىق ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كېتىش سەۋەبى ئاشكارىلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 20:36

دېپىكا پادۇكون رانۋىر سىڭ بىلەن توي قىلىپ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىغا بىر يىلدىن ئاشتى. ئىككەيلەن بوللىۋودتىكى ئەڭ ماسلىشىدىغان بىر جۈپلەرگە ئايلاندى. بىراق دېپىكانىڭ مەستانىلىرى بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ ۋە سابىق ئوغۇل دوستى سىدھارت ماليا ئوتتۇرىسىدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ قالىدۇ.

ئىككەيلەن بىر مەزگىل مۇھەببەتلەشكەن، گەرچە دېپىكا ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما سىدھارت تاراتقۇلارغا ئىككەيلەننىڭ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

لېكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزۇنغا بارمىغان ۋە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايرىلىپ كەتكەن، ئەمما يېقىندا «ئاياللار دەۋرى» ژۇنىلىنىڭ خەۋىرىدە دېپىكا ئىككەيلەننىڭ ئورنى ۋە سىنىپى سەۋەبىدىن ئايرىلىشنى تاللىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

دېپىكا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «مەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم، ئەمما ئۇنىڭ (سىدھارت) يېقىنقى مەزگىلدىكى ھەرىكىتى بەك يىرگىنچلىك. ئالدىنقى قېتىم كەچلىك تاماق ۋاقتىدا كۆرۈشكەندە ئۇ مەندىن پۇل تۆلەشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەن ئۈچۈن بەك ئوڭايسىز ئىش، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىشقا ئامال قالمىغاچقا، بۇ مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن باشقا ئامالىم قالمىدى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ژۇرنال بۇ ئىش توغرىسىدا سىدھارتنى ئىزدىگەن، ئۇ: «دېپىكا بىر ساراڭ ئايال، مەن ئۇنىڭغا دادام قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇنى قويۇپ بەرسە پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دېگەن. يەنە كېلىپ ئۇ توي قىلىشنى قەتئىي ئويلاشمىغان» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئۇ (دېپىكا) مېنىڭ ئۇنىڭغا قىممەت باھالىق ئالماس، ھەشەمەتلىك سومكىلارنى سوۋغا قىلغان ۋاقتىمنى ئۇنتۇپ قالدى، مەن ئۇنىڭ دەم ئېلىش ساياھىتى ئۈچۈن كۆپ پۇل خەجلەپ، دوستلىرى ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بەرگەن» دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有