ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

34 ياشلىق ئايال زۇڭلى مارىن ئىۋانكانىڭ سىياسىي سەھنىدىكى رىقابەتچىسىمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 21:49

فىنلاندىيەنىڭ 34 ياشلىق ئايال زۇڭلىسى ساننا مارىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ ياش ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ كابىنېت گۇرۇپپىسىدىكى ئۈچ ئايال مىنىستىرنىڭ ھەممىسى 30 ياشتىن ئاشقانلار بولۇپ، ئەڭ گۈزەل سىياسىي گۇرۇپپىسى دەپ ئاتالغان، ئۇلار ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى سىياسىي ئىشلارغا قاراتقان. 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، مارىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا «مودا» ژۇرنىلىدا چىققان بىر پارچە سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىگەن.


مارىن بۇنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئەنگىلىيە مودا ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدىكى سۈرىتى ئىكەنلىكىنى يازغان. ئۇ زىيارەت جەريانىدا ئوچۇق-ئاشكارە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بەلكىم مەن كىشىلەر ئويلىغاندەك گۈزەل ئەمەستۇرمەن، مەن پەقەت ئادەتتىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئايال، باشقىلاردىن ئارتۇق يېرىم يوق، شۇنداقلا باشقىلاردىن ناچارمۇ ئەمەس، ئەمما مەن خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىمەن.»

مارىننىڭ كىيىنىشلىرى ئۇنىڭ سۆزىگە ئوخشاش سەمىمىي ۋە ئاددىي-ساددا بولۇپ، ژۇرنالغا چىققاندىمۇ ئۇ يەنىلا قارا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىۋالغان. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ، دۆلەت ئىچى يىغىنلىرى، ھەتتا چەتئەل زىيارەتلىرىدىمۇ قارا كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، رەڭدار كىيىملەرنى كىيىپ باقمىغان. ژۇرنال سۈرەتلىرىدە، مارىن بىر قارا كۆينەك كىيگەن بولۇپ، بەل ئەگرى سىزىقىنى نامايان قىلغان.

مارىن سىياسىي سەھنىگە چىققاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغىنى ئامېرىكىلىق ئىۋانكا ترامپ بولۇپ قالغان. ئىۋانكا ئاقساراينىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاشقى قىياپىتىمۇ چىرايلىق، شۇڭا ئۇ «سىياسىي ساھەدىكى گۈل» دەپ ئاتالغان. لىكىن ھازىر ئۇنىڭ بىر رەقىبى بار بولغان. مارىن سىياسىي سەھنىدە پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا رىقابەتچى بولۇپ قالغان. مودا ژۇرنىلىدىكى سۈرەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، مارىن چىرايلىق ۋە تەمكىن، چىراي ئىپادىسى ئىنتايىن پاكىز، ئۇ ئىۋانكادىنمۇ سالاپەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ئىۋانكا بىلەن ئاددىي-ساددا مارىننى سېلىشتۇرغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر مارىنغا بەكرەك مايىللىقىنى ئىپادىلىگەن.

يۇقۇم پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىۋاتىدۇ. شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زۇڭلى مارىن يەنە فىنلاندىيەنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چەكلەش ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

34 ياشلىق ئايال زۇڭلى مارىن ئىۋانكانىڭ سىياسىي سەھنىدىكى رىقابەتچىسىمۇ؟

فىنلاندىيەنىڭ 34 ياشلىق ئايال زۇڭلىسى ساننا مارىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ ياش ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇپ قالدى،