ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نامرات چېغىڭىزدا بۇلارنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 17:22

1. نامرات چېغىڭىزدا ئۆيدە ئاز تۇرۇپ، سىرتتا كۆپرەك يۈرۈڭ. باي بولغاندا بولسا، ئۆيدە كۆپرەك تۇرۇپ، سىرتتا ئاز يۈرۈڭ، مانا بۇ دەل تۇرمۇش سەنئىتىدۇر.
2. نامراتلىقتا پۇلنى باشقىلارغا خەجلىسىڭىز، بېيىغاندا پۇلنى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزغا خەجلەڭ. ئەپسۇس، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ ئالدى كەينىنى ئالماشتۇرۋېلىپ بارىدۇ.
3. نامرات چاغدا سېخىي بولۇڭ، باي بولغاندا ھەشەمەتچىلىك قىلماڭ.
4. ياشلىق ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىدۇر، شۇڭا ۋاقىتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەڭ. نامراتلىقتىن قورقماڭ. ئۆزىڭىزنى قانداق تەربىيەلەشنى، نېمىگە مەبلەغ سېلىشنى، قەيەردە تېجەش كېرەكلىكىنى بىلىڭ.
5. قالايمىقان كىيىم-كېچەك سېتىۋالماڭ، بىراق بىر نەچچە قۇر ئاز ساز بولغان كىيىمىڭىز بولسۇن. سىرتتا كۆپرەك تاماق يەڭ، بىرەرىنى تاماققا تەكلىپ قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە قارىغاندا تېخىمۇ غايىلىك، تېخىمۇ ئىدىيەلىك، تېخىمۇ تىرىشچان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىڭ.
6. ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى ھەققىدە كۆپرەك ئويلانسىڭىز، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ قالىسىز.
7. ھېچكىم سىزگە بىر ئۆمۈر باقىۋەندە بولمايدۇ، شۇڭا يالغۇزلۇققا ماسلىشىشىڭىز كېرەك؛ ھېچكىم سىزگە بىر ئۆمۈر ياردەم قىلمايدۇ، شۇڭا ئىزچىل كۈرەش قىلىشىڭىز كېرەك.
8. ئادەم ھەمىشە باشقىلارنىڭ بەختىگە تەلپۈنىدۇ ۋە ھەۋەس قىلىدۇ، بىراق كەينىگە بۇرۇلۇپلا قارىسا، ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەۋەس قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەم بەختلىك بولىدۇ، پەقەت سىزدىكى بەخت، دائىم باشقىلار نەزىرىدە بولىدۇ. بەخت دېگەننىڭ باش ئايىقى بولمايدۇ. شۇڭا ئارىلاپ قەدەملىرىڭىزنى توختىتىپ، ئەتراپىڭىزدىكى گۈزەللىك ۋە بەختنى ھېس قىلىڭ، تۇرمۇشتىن رازى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
9. بەخت ھېچكىمنى چۈشۈرۈپ قويمايدۇ، ئۇ ھامان بىر كۈنى سىزنى تاپىدۇ.
10. سىز مەڭگۈ كېيىنكى دەقىقىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، تەقدىرنىڭ نېمىشقا سىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيسىز. سىز پەقەت كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن دۇنياغا كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولىسىز.

تەۋسىيە
1. خۇشال بولۇشنى ئۆگىنىڭ. ھېچكىم سىزنىڭ ئازابىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدۇ، كەيپىياتىڭىز ئۆزىڭىزنىڭكى، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.
2. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
3. ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ئۆزىڭىز خەۋەر ئېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
4. ئازابقا خوش دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. مۇھەببەت ئادەمگە ۋاقىتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ۋاقىتمۇ ئادەمگە مۇھەببەتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. كۆپ ھاللاردا تۈنۈگۈنىڭىزدە ياشاۋەرمەڭ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، سىزگە تەئەللۇق نەرسە، سىز قانچە ئۆز بېشىمچىلىق قىلسىڭىزمۇ سىزدىن ئايرىلمايدۇ؛ يوقاتقىنىڭىز ئاللىبۇرۇن سىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىدۇر.
5. پايدا-زىيىنىڭىزغا كۈلۈپ قاراشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ھاياتنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا كۈلۈپ تۇرۇپ بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
6. ئاق كۆڭۈل بولۇشنى بىلىڭ. ئاق كۆڭۈل بولۇش ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى، نام-مەنپەئەتكە بېرىلىپ ئۆز ئەسلىڭىزنى يوقاتماڭ.
7. كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
8. قەيسەر بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
9. قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نامرات چېغىڭىزدا بۇلارنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ

1. نامرات چېغىڭىزدا ئۆيدە ئاز تۇرۇپ، سىرتتا كۆپرەك يۈرۈڭ. باي بولغاندا بولسا، ئۆيدە كۆپرەك تۇرۇپ، سىرتتا ئاز يۈرۈڭ، مانا بۇ دەل تۇرمۇش سەنئىتىدۇر.