ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پولشادىكى بىر كەنتتە 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 17:27

ئودېر دەرياسى بويىدىكى Maisy كەنتى بولسا پولشانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر كىچىك كەنت. 2010-يىلىدىن بۇيان، كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى قىز تۇغقان. يېقىندا بىر تۇغۇتلۇق ئايال جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىپ، ئاخىرى بۇ غەلىتە «ئەنئەنە»نى بۇزۇپ تاشلىغان.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 6-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئودېر دەرياسى بويىدىكى Maisy كەنتىدە تەخمىنەن 300 ئاھالە بار بولۇپ، ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. تۇغۇتلۇق ئايال ئاننا مىلېكتە مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلۈپ، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئوغۇل بوۋاق بارتېكنى يەڭگىگەن. ئاننا مىلېك شۇ جايدىكى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: بۇ ئىش ماڭا نىسبەتەن «قوش مۆجىزە» بولدى، مېنىڭ ئوغلۇم بارتېك ھازىر ئودېر دەرياسى بويىدىكى Maisy كەنتىدىكى «مۈشۈكئېيىق» ئوغۇل بولۇپ قالدى.

ئاننا مىلېك بىلەن يولدىشى گرېگورىنىڭ بىر قىز پەرزەنتى بار بولۇپ، بارتېكنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن گرېگورى كەنتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «قەھرىمان» بولۇپ قالغان.

كۆپ يىللاردىن بۇيان ئوغۇل بالا تۇغۇلمىغانلىقتىن، ئودېر دەرياسى بويىدىكى Maisy كەنتىدىكى پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىكەن. بۇ كەنتنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل كەنت باشلىقى رايموند فرىشكو كەنتتىكى تۇنجى ئوغۇل بوۋاق تۇغقان ئەر-خوتۇننى مۇكاپاتلاشقا ۋەدە بەرگەن. رايموند فرىشكو ئوغۇل بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ: «بۇ بىر خۇش خەۋەر بولدى، بولۇپمۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقاندا تېخىمۇ شۇنداق بولدى. ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ تۇغۇلۇشى ئىنتايىن ئالاھىدە بولىدۇ» دېگەن.

ئودېر دەرياسى بويىدىكى Maisy كەنتىدىكى ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پولشادىكى بىر كەنتتە 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلدى

ئودېر دەرياسى بويىدىكى Maisy كەنتى بولسا پولشانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر كىچىك كەنت.