ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جانۋى كاپور ئاپىسى سرىدېۋىگە دېگەن ئەڭ ئاخىرقى گېپىنى ئەسلىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-12 17:21

جانۋى كاپور فىلىم ئىشلىگۈچى كاران جوھارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاپىسى سرىدېۋى دۇبەيگە بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى قىلىشقان گېپىنى ئەسلىدى. سرىدېۋى 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغقانلىرىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇبەيگە ئاتلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يەردە قازا قىلغان.

جانۋىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىشان كاتېر بىلەن تۇنجى فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئاپىسى دۇبەيگە مېڭىشتىن بۇرۇن كەچتە ئاپىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «مېنى پەپىلىتىپ ئۇخلىتىپ قويۇڭ» دېگەن، سرىدېۋى نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەن، ئۇ ۋاقىتتا جانۋى يېرىم ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ئاپىسنىڭ ئۇنى سىلاپ قويغانلىقىنى ھېس قىلغان.

 

بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشى بىلەن، جانۋى ئەتىسى بالدۇر تۇرۇپ فىلىم سۈرەتكە ئېلىشقا ماڭىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاپىسى دۇبەيگە ماڭغاندا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشالمىغان.

جانۋى دائىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىدا ئاپىسىنىڭ كونا سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىرقانچە ئاي بۇرۇن ئاپىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇ ئاپىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىپ: «سىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن» دەپ يازدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جانۋى كاپور ئاپىسى سرىدېۋىگە دېگەن ئەڭ ئاخىرقى گېپىنى ئەسلىدى

جانۋى كاپور فىلىم ئىشلىگۈچى كاران جوھارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاپىسى سرىدېۋى دۇبەيگە بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى قىلىشقان گېپىنى ئەسلىدى.