ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جونسون شىركىتى تالك پاراشوكى قوشۇلغان بوۋاقلار ئۇپىسىنى سېتىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 09:23

ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا جونسون شىركىتى (美国强生公司) شۇ يەر ۋاقتى 19-ماي ئامېرىكا ۋە كانادادا تەركىبىدە تالك پاراشوكى بار بوۋاقلار ئۇپا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى، ئەمما كۆممىقوناق كراخمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بوۋاقلار ئۇپىسىنى داۋاملىق ساتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا بازارلاردا تالك پاراشوكى ۋە كۆممىقوناق كراخمالى تەركىبلىك مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق ساتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇ شىركەت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا، تەركىبىدە تالك پاراشوكى بولغان بوۋاقلار ئۇپا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تەدرىجىي ئازىيىدۇ، بىراق پارچە سېتىش سودىگەرلىرى يەنىلا ئامباردا بار بولغان مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق ساتىدۇ».

رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېگەن: «جونسون شىركىتى 16 مىڭدىن ئارتۇق ئىستېمالچىنىڭ دەۋاسىغا دۇچ كەلدى. ئىستېمالچىلار بۇ شىركەتنىڭ تالك پاراشوكى قوشۇلغان مەھسۇلاتى راك پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىغان».

دەۋادا مۇنداق دېيىلگەن: جونسون شىركىتىنىڭ تالك پاراشوكى قوشۇلغان مەھسۇلاتىدا تاشپاختا ماددىسى بار، تاشپاختا بولسا بىر خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا. بىراق، جونسون شىركىتى «نەچچە ئون يىللىق ئىلمىي تەتقىقات» نى نەقىل كەلتۈرۈپ، تەركىبىدە تالك پاراشوكى بولغان بوۋاقلار ئۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىشەنچ باغلىغان.

جونسون شىركىتى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «شىمالىي ئامېرىكا رايونىدا كۆممىقۇناق كراخمالى تەركىبى بار بوۋاقلار ئۇپىسى داۋاملىق سېتىلىدۇ ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا بازارلاردا تالك پاراشوكى ۋە كۆممىقوناق كراخمالى تەركىبلىك ئۇپا داۋاملىق سېتىلىدۇ».

بۇ جونسون بوۋاقلار ئۇپىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم تالاش-تارتىش پەيدا بولۇشى ئەمەس. 2018-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتى سان لۇئىس شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جونسون شىركىتىنىڭ 22 ئايال ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تۆت مىليارد 690 مىليون دوللار تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. زاسېداتېللار ئۆمىكى مۇنداق دېگەن: «جونسون شىركىتىنىڭ تالك پاراشوكى مەھسۇلاتى، مەسىلەن، بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئۇپىسى تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان تاشپاختا تالاسى بار، بۇ 22 ئايال بۇ خىل مەھسۇلاتنى كۆپ يىل ئىشلەتكەندىن كېيىن تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولغان». ئەينى چاغدا جونسون شىركىتى نارازىلىق ئەرزى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جونسون شىركىتى تالك پاراشوكى قوشۇلغان بوۋاقلار ئۇپىسىنى سېتىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى