ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيەدىكى بىر سېسترا «سۇ ئۈزۈش كىيىمى» كىيىپ خىزمەت قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 09:27

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە تۇلا ئوبلاستىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رايونىدىكى بىر سېسترا بىمارنى پەرۋىش قىلغاندا، سۈزۈك قوغدىنىش كىيىمى ئىچىگە «سۇ ئۈزۈش كىيىمى» كىيىۋالغاچقا، ئىنتىزام جازاسىغا ئۇچرىغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تۇلا ئوبلاستلىق سەھىيە تارماقلىرى مۇنداق دېگەن: «يۇقۇملۇق كېسەللەر رايونىدىكى سېسترانىڭ تېببىي كىيىم كىيىش تەلىپىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سەھىيە تارماقلىرى ئۇنىڭغا ئىنتىزام جازاسى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىدى. دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرىمۇ سۆھبەتكە چاقىرتىلىپ، چوقۇم تېببىي كىيىم-كېچەك تەلىپى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈش تەلىپىگە رىئايە قىلىش ئەسكەرتىلدى».

سېسترانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب قوغدىنىش كىيىمى ھەم دىمىق، ھەم ئىسسىق ئىكەن. ئۇ قوغدىنىش كىيىمىنىڭ بۇنداق سۈزۈك بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، خەتەرلىك رايوندا خىزمەت قىلىدىغان تېببىي خادىملار چوقۇم كۈن بويى قوغدىنىش كىيىمى كىيىشى كېرەك ئىكەن. بىراق، بۇ سېسترانىڭ كىيىۋالغىنى ئادەتتىكى ئىچ كىيىممۇ ئەمەس، بەلكى «سەل ئورۇقلىغان ھالەتتىكى» ئىچ كىيىم ئىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有