ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قوشنىسىنىڭ بالىسىنى ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلدى دەپ 4-قەۋەتتىن تاشلىۋەتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 17:37

قوشنىلار ئارا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلىدىن ھەمىشە تالاش-تارتىش ئۈزۈلمەيدۇ، ھەتتا كەسكىن توقۇنۇش بولۇپ قالىدۇ. يېقىندا ھىندىستاندىكى بىر ئەر قوشنىسىنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ كارىدوردا ئوينىشىدىن نارازى بولۇپ، ئىككى بالىنى 4-قەۋەتتىن تاشلىۋېتىپ، بىرىنىڭ قازا قىلىش، بىرىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىدەك پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پاجىئە كالكۇتتادىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا يۈز بەرگەن. ئۇ ئەرنىڭ ئىسىمى كۇمار بولۇپ، قوشنىسىنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىغا ئىزچىل نەپرەتلىنىپ كەلگەن. چۈنكى ئۇلار ئوينىغاندا «غايەت زور» شاۋقۇن چىقىرىپ، كۇمارنى ئىنتايىن نارازى قىلغان.

ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كۇمار ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالتە ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان. كېيىن ئوغۇل بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ كۇمار بىلەن ياراشتۇرۇپ، بۇ ئىشنى دوستانە ھەل قىلغان. لېكىن بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئوغۇل بالا داۋاملىق ئاممىۋى رايوندا ئويناۋەرگەن ھەم ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلغان، كۇمار يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى بالىنى توسقان.

ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم كۇمار ئاچچىقىدا ئىككى بالىنى بىراقلا 4-قەۋەتتىن تاشلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ياشلىق بىر بالا دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپىرىلغان بولسىمۇ، زەخمىسى ئېغىر بولغاچقا ئۇزاق ئۆتمەي قازا قىلغان. يەنە بىر ئوغۇل بالا جىددىي قۇتقۇزۇلۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان.

ساق قالغان بالىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ساقچى تەرەپ قاتىلنىڭ كۇمار ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. ساقچىلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، غەزەپلەنگەن ئاھالىلەر كۇمارنى قورشىۋېلىپ قاتتىق ئۇرغان، كېيىن ساقچى تەرەپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن كۇمارنى قولغا ئالغان.

ئەتراپتىكى ئاھالىلەر كۇمارنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان، چۈنكى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى كىشىنى بەكلا چۆچۈتىدىكەن، ئۇ بىر سەبىي بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有