ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاقماق چاقتۇرۇپ، يەر تەۋرىتەلىگەن يىتۈك ئالىم-نىكولا تېسلا

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 09:08

ئېدىسوننىڭ «كەشپىيات شاھى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بىر تۆھپىسى تۇراقلىق توكنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىن سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىگە كېڭەيتكەنلىكىدە. ئەمما بىلەمسىزكىن، ئېدىسوننىڭ بىر ئەشەددىي رەقىبى بار، ئىككىسى ئىلگىرى توك مەسىلىسى ئۈستىدە بىر مەيدان «ئېلېكتىر ئېقىمى جېڭى» قىلغان. بۇ «كەشپىيات شاھى»نىڭ ئەشەددىي رەقىبى «ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى غەلىتە ئادەم» دەپ ئاتالغان نىكولا تېسلا.

ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك چوڭ مېڭىسى بار ئۆسمۈر

نىكولا تېسلا 1856-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى كرودىيەدىكى سىمى قولتۇقى كەنتىدە سېرب مىللىتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ كىچىكىدىنلا ئىنژېنېر بولۇشقا بەل باغلىغانىدى. تېسلا 17 ياشقا كىرگەندە، ئۆزىنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچىدىن پايدىلانغاندىلا، كاللىسىدىكى كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتنىڭ بارلىق تەپسىلاتىنى مۇكەممەل سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

ھەمكارلىشىشتىن ھەر كىم ئۆز يولىغا مېڭىشقىچە

نىكولا تېسلا 1884-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ، ئېدىسون تەجرىبىخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئىلگىرى ئۇنى ياللاپ ئىشلەتكەن چارلىز باچېرو ئۇنى دەپ ئېدىسونغا يازغان تونۇشتۇرۇش خېتىدە: «مەن ئىككى ئۇلۇغ ئادەمنى بىلىمەن، بىرسى سىز، يەنە بىرسى دەل مۇشۇ ياش» دېيىلگەنىدى. ئېدىسون تېسلانى ئېدىسون ماشىنىسازلىق شىركىتىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. تېسلا دەسلەپتە پەقەت ئاددىي ئېلېكترو لايىھەسى تۈزۈشكە مەسئۇل بولدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئېدىسوننىڭ شىركىتىنىڭ تۇراقلىق توك ماشىنىسىنى قايتىدىن لايىھەلىشىگە مەسئۇل بولدى. 1885-يىلى، تېسلا ئېدىسوننىڭ شىركىتىدىن ئايرىلدى ھەمدە 1887-يىلى تېسلا ئېلېكترو شىركىتىنى قۇردى.

«ئېلېكتىر ئېقىمى جېڭى»

ئەينى چاغدا تۇراقلىق توكنىڭ باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى، تېسلا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆزگىرىشچان توك ھەم ئەرزان ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدى، بۇ ئىش ئېدىسوننىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. ئېدىسون ئۆزگىرىشچان توك ئىنتايىن خەتەرلىك، كوچا بويىدا ئۆزگىرىشچان توك كابېلى ياتقۇزۇلسا خۇددى يەر ئاستىغا مىنا كۆمۈپ قويغانغا ئوخشايدۇ دەپ قارايتتى. ئۆزگىرىشچان توك ئىشلىتىشنى چەكلەش ئۈچۈن، ئېدىسون ھەتتا ئادەم تەكلىپ قىلىپ، يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توك بىلەن لالما ئىت، مۈشۈكلەرنى توك سوقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش تەجرىبىسىنى كۆرسەتتى. تېسلامۇ ئېدىسونغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلەرگە «توك سېھرىگەرلىكى» كۆرسىتىپ، ئۆزگىرىشچان توكنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەشۋىق قىلدى.

ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر مەيدان «يەر تەۋرەش» پەيدا قىلدى

نىكولا تېسلا 1891-يىلى 7–ئايدا نيۇيوركتىكى بەشىنچى چوڭ كوچىدا ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىنى قۇردى، كېيىن يەنە نيۇيوركتىكى خيۇستون كوچىسىدا يەنە بىر تەجرىبىخانا قۇردى. ئۇ شۇ يەردە توكلۇق تەۋرەنگۈچ ئارقىلىق مېخانىكىلىق رېزونانس تەجرىبىسى ئىشلەپ، ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئىمارەتلەردە رېزونانس ھادىسىسى پەيدا قىلدى. يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر يەر تەۋرىدى دەپ قاراپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى، ھەتتا ساقچى چاقىردى.

بىر چەمبەر ئارقىلىق چاقماق ھاسىل قىلدى

نىكولا تېسلا 1891-يىلى «تېسلا كاتۇشكىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل رېزونانسلىق ترانسفورماتورنى كەشىپ قىلدى. ئۇ بىر ئىندۇكسىيەلىك چەمبەر، بىر ئىندۇكتور، ترانسفورماتور ، چاقماق ۋە ئىككى چوڭ كوندېنساتوردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، توك بېسىمى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى، ئەمما توك ئېقىمى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئۆزگىرىشچان توك ھاسىل قىلىش رولى بار ئىدى. ئۇنىڭ پىرىنسىپى ترانسفورماتور ئارقىلىق توك بېسىمىنى ئۆرلىتىپ (ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ ۋولتقا يېتىدۇ)، ئاندىن ئىككى قۇتۇپتىكى كاتۇشكىدىن ئۆتكۈزۈپ، زەرەتسىزلەندۈرىدىغان تېرمىنال ئارقىلىق توك قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ھېچقىسى يوق، سىز پەقەت ئۇنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلسىڭىزلا بولىدۇ ـــ بۇ نەرسىدىن پايدىلىنىپ چاقماق ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ! ئاڭلىماققا قالتىسمىكەن؟ 1903-يىلى 7-ئاينىڭ بىر ئاخشىمى، تېسلا ئامېرىكىدىكى ئۇزۇن ئارالغا جايلاشقان تەجرىبە پونكىتىدا، بېسىمى 10 مىليون ۋولتتىن 12 مىليون ۋولتقىچە كېلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى توك بېسىمىنى ھاسىل قىلدى، بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ھەيۋەتلىك چاقماق تەلۋىلەرچە ئۆسكەن دەرەخ شېخىغا ئوخشاش، قويۇپ بېرىش مۇنارىنىڭ يۇمىلاق تورۇسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئەتراپتىكى نەچچە يۈز كىلومېتىر دائىرىدىكى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇۋەتتى. چاقماققا ئەگىشىپ پەيدا بولغان گۈلدۈرماما ئاۋازى پۈتكۈل ئارالدىكى ئاھالىلەرنى راسا قورقۇتۇۋەتتى.

ئېلېكتر ئوت شارىنى جابدۇق قىلغان «سېھىرگەر»

ئېلېكتر ئوت شارىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ نەرسە يەنە «شارسىمان چاقماق»، «دومىلىما مىنا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاقماققا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇ يۇقىرى بېسىملىق توك چىقىرىش ھادىسىسى ئەمەس، ئىچكى قىسمىدا توك يوق. ئېلېكتر ئوت شارى يۇمىلاق شار شەكلىدە بولۇپ، دىيامېتىرى 40 -15 سانتىمېتىرغىچە، رەڭگى ھەر خىل، يوقالغان چاغدا دائىم پارتلايدۇ ۋە بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق تارقىتىدۇ. ئاڭلىماققا قالتىس ھەم خەتەرلىك نەرسە، ئەمما «چاقماق تەلۋىسى» تېسلا دەل مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سېھرىگەرلىك قىلغان.

ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى مارك تۋېن ۋە ئەنگلىيەلىك بىر مۇخبىر ئىلگىرى تاماشىبىن سۈپىتىدە تېسلانىڭ بۇ ئويۇنىنى كۆرگەنىكەن. ھېلىقى مۇخبىر كېيىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىز غەلىتە ماشىنىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر ئۆيدە ئولتۇردۇق، بىر ئورۇق، ئېگىز ئادەم (تېسلا) ئالدىمىزغا كېلىپ، بارماقلىرىنى يېنىك تولغىدى، «پاراس-پۇرۇس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ قولىدىن بىر قىزىل رەڭلىك ئوت شارى كۆتۈرۈلدى. ئۇ تەمكىنلىك بىلەن ئوت شارىنى قولىدا كۆتۈردى، مەن بەكمۇ ھەيران قالدىم. ئاندىن ئۇ يەنە ھېلىقى ئوت شارىنى كىيىمگە چاپلىدى، بېشىغا قويدى، ھەتتا مېنىڭ قوينۇمغا تىقىپ قويدى... ئىشەنگۈم كەلمەيلا قالدى، ئۆزۈمنى خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.»

پاتېنتتىن ۋاز كېچىپ، ئۆمۈر بويى غۇربەتچىلىكتە ئۆتتى

نىكولا تېسلا ئۆمۈر بويى كەشپىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەخمىنەن 1000دەك كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ نۇرغۇن كەشپىياتلىرى ئىچىدە، تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى ئۆزگىرىشچان توك ھېسابلىنىدۇ. «ئېلېكتىر ئېقىمى ئۇرۇشى»دىن كېيىن، ئۆزگىرىشچان توك تۇراقلىق توكنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، توك تەمىنلەشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلىغا ئايلاندى. قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، شۇ چاغدا ھەر بىر ئات كۈچى ئۆزگىرىشچان توكنى ساتقاندا، چوقۇم ئۆزگىرىشچان توكنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تېسلاغا 2.5 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەش كېرەك ئىدى، شۇنداق بولغان بولسا دۇنيادىكى بىرىنچى باي چوقۇم تېسلا بولغان بولاتتى! لېكىن تېسلا ئۆزگىرىشچان توكنىڭ پاتېنت ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى ھەمدە ئۇنى مەڭگۈ ئاشكارىلاشنى قارار قىلدى.

نىكولا تېسلا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نيۇيوركتىكى بىر مېھمانخانىدا يالغۇز تۇردى، كۈنلىرى ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ئۆتتى. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، نىكولا تېسلا يۈرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن بۇ مېھمانخانىدا ئالەمدىن ئۆتتى. تېسلانىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، سېربىيە ئۇنىڭ باش سۈرىتىنى قەغەز پۇلغا باستى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاقماق چاقتۇرۇپ، يەر تەۋرىتەلىگەن يىتۈك ئالىم-نىكولا تېسلا

ئېدىسوننىڭ «كەشپىيات شاھى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بىر تۆھپىسى تۇراقلىق توكنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىن سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىگە كېڭەيتكەنلىكىدە.