ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇشانتنىڭ جەسىتىنىڭ سۈرىتىنى تارقاتقانلارغا قانۇنىي ۋاستە قوللىنىلىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 09:15

سۇشانت سىڭ راجپۇتنىڭ ئۆلۈمى ھىندىستاننى زىل-زىلىگە سالدى دېسەك ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بومباي ساقچىلىرى بۇ ئارتىسنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئۆلۈش سەۋەبى پەقەت جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي بېكىتىلىدىكەن. لېكىن سۇشانتنىڭ جەسەت سۈرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمەن سۈرەتلەرنىڭ توردا تارقىلىپ كېتىشى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ ئىش فارا خان قاتارلىق بوللىۋود چولپانلىرىنى ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ماخاراشتىرا ئىشتاتى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئاكونتىدا بۇ سۈرەتلەرنى تارقاتقۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سۈرەتلەرنى ئۆچۈرمىگەنلەرگە قانۇنىي تەدبىر قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.«ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئارتىس سۇشانت سىڭ راجپۇت ئەپەندىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنىڭ تارقىتىلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ خىل سۈرەتلەرنىڭ تارقىلىشى قانۇن ۋە سوت كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قانۇنىي تەدبىر قوللىنىدۇ. ماخاراشتىرا ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت بارلىق تورداشلارنى يۇقارقى سۈرەتلەرنى تارقىتىشتىن ساقلىنىشقا نەسىھەت قىلىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. ئاللىبۇرۇن تارقىتىلغان سۈرەتلەر ئۆچۈرۈلۈشى كېرەك » دېيىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سۇشانتنىڭ جەسىتىنىڭ سۈرىتىنى تارقاتقانلارغا قانۇنىي ۋاستە قوللىنىلىدۇ

سۇشانت سىڭ راجپۇتنىڭ ئۆلۈمى ھىندىستاننى زىل-زىلىگە سالدى دېسەك ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ.