ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھىندىستان ئەنگلىيەنى «يەڭدى»، سەۋەبى نېمە؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 10:05

ھىندىستاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلار 10 مىڭ 956 بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يارىتىلغان بىر كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھىندىستاندىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانىمۇ 300 مىڭدىن ئېشىپ، ئەنگلىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ دۇنيا بويىچە 4-چوڭ يۇقۇم دۆلىتىگە ئايلاندى، يەنى ئامېرىكا، بىرازىلىيە، رۇسىيەنىڭ ئارقىسىدىلا تۇردى.

ھىندىستاندىكى يۇقۇمنىڭ «تەۋرەش مەركىزى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندىستاندىكى بىرىنچى چوڭ پورت شەھىرى بومبايدا يۇقۇملانغۇچىلار 50 مىڭدىن ئاشتى.



بومباي ھىندىستاننىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھىندىستاننىڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانىسى ۋە بوللىۋودنىڭ يۇرتى. بۇ يەر ئوخشاشلا يەنە ھىندىستاننىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ يەردە نوپۇس زىچ، باي-نامراتلىق پەرقى چوڭ، يەنە ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسى بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دەل مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بومباي يۇقۇمنى كونتورول قىلالمىغان.



قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بومباي ھىندىستاندىكى ئەڭ باي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن تارقىلىشچان كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما بومبايدا يۇقۇملىنىش نىسبىتى نېمىشقا بۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؟

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ ئېيتىشىچە، ئەڭ دەسلەپتە بومبايدىكى بىمارلارنىڭ كۆپ قىسمى سودىگەرلەر ۋە ساياھەتچىلەر بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تايلاند ياكى مالايسىيادىن كەلگەن ئىكەن، بۇ دۆلەتلەر ھىندىستاندىن بۇرۇنلا يۇقۇمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

سابىق سەھىيە مىنىستىرى راجېف ساداندان: «نۇرغۇن كىشى ۋىرۇسنى بومبايغا ئېلىپ كېلىپ، ۋىرۇسنى بومبايدىكى مەھەللىلەردە يىلتىز تارتقۇزدى. بومباي ھىندىستاندىكى ئەڭ ئالدىراش جاي» دېگەن. بومباي تېببىي مەسلىھەتچىلەر جەمىئيىتىنىڭ رەئىسى دىپاك بەيىد بولسا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «چەتئەلدىن كەلگەن بىمارلاردىن باشقا، بومبايمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچىلەر توپلاشقان جاي، بۇ زور تۈركۈمدىكى نوپۇسنىڭ باشقا رايونلاردىن ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇپ بومبايغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ».

لېكىن دەسلەپتە، بومباي يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇيدىغان ھېچقانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانمىدى، گۇمانىي يۇقۇمدارلارنىمۇ ئايرىۋەتمىدى، يۇقۇم كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىمۇ ئىز قوغلاپ تەكشۈرمىدى. ۋىرۇس بومبايدا تارقىلىشقا باشلىغاندا ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدى. گەرچە ھۆكۈمەت ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ۋىرۇسنى چەكلىگىلى بولمىدى، چۈنكى ئەينى چاغدا ماخاراشترا ئىشتاتى ھەتتا تېخى ئالاقە ئىز قوغلاش سىستېمىسىمۇ ئورناتمىغان ئىدى.

ساداندان: «يۇقۇمنى تىزگىنلەش پۇرسىتى ئىنتايىن كىچىك ئىدى، لېكىن بومباي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى» دېدى.

نامراتلار مەھەللىسى مەسىلىسى يۇقۇمنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. ھىندىستان كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى جەمىئيىتىنىڭ ئالىي كۆزەتكۈچىسى سەيلى ئۇدا مانكارنىڭ قارىشىچە، بومبايدىكى نامراتلار مەھەللىسى شۇ جايدىكى ئۆزگىچە ئاممىۋى سەھىيە تەھدىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بومبايدىكى %60 ئاھالە مۇنتىزىم بولمىغان ئۆيلەردە ياكى نامراتلار مەھەللىسىدە تۇرىدۇ، بەزى جايلاردا ھەتتا قىستا-قىستاڭچىلىقتىن پۇت قويغۇدەك يەرمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، تۇرۇبا سۈيى ۋە تازىلىق ئەسلىھەلىرىمۇ ئىنتايىن چەكلىك.



ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسى بولغان تاراۋى نامراتلار مەھەللىسى بومبايغا جايلاشقان بولۇپ، بومبايدىكى نوپۇس زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى رايونلارنىڭ بىرى. تاراۋى نامراتلار مەھەللىسىنىڭ كۆلىمى ئاران ئىككى كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 700 مىڭدىن بىر مىليونغىچە ئادەم ياشايدۇ. نوپۇس بۇنداق زىچ بولغاچقا، تاراۋى مەھەللىنى ئايرىۋېتىشىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ.

داۋالاش بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئاي ۋە 4-ئايدىكى نيۇيورك شەھىرىگە ئوخشاش، بومبايمۇ ھازىر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېز كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇرۇۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە بومبايدىكى دوختۇرخانىلار بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان بولۇپ، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملار جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتتىكى قوش بېسىمگە تەستە تاقابىل تۇرماقتا.

كۆپلىگەن دوختۇرلار يۇقۇملاندى، دوختۇرخانىدىكى ئۆچىرەتتە تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدا پات-پات ئۇرۇش-تالاش يۈز بېرىپ تۇرماقتا. ئۆلۈپ كەتكەن بىمارلارنىڭ جەسىتى بولسا كېسەلخانىدا سائەت-سائەتلەپ تۇرۇپ كەتمەكتە. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىشتاتلىق سەھىيە تارمىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: «داۋالاش بايلىقى يېتەرلىك ئەمەس. ھۆكۈمەتنىڭ ھېسابلىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بومبايدا يەنە %0.5كە يېقىن ئادەم يۇقۇملىنىدىكەن، يەنى ئاز دېگەندە 100 مىڭ ئادەم».


ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كېسەل بولۇپ قالغان بىمارلار ياردەم سوراش قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىشى ھەمدە تىزىملىتىشى كېرەك. نۆۋەتتە ياردەم سوراش قىزىق لىنىيەسى ھەر كۈنى 3000 تېلېفون قوبۇل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1800 تېلېفون كارىۋات ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك. ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ياردەم سوراش لىنىيەسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بىمارلارغا ۋاقتىدا كارىۋات ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پىدائىي مۇنداق دېدى: «بىز تېلېفون قىلغانلارغا كارىۋات ئورۇنلاشتۇرغاندا، كارىۋات باشقا بىر ئېغىر كېسەل تەرىپىدىن زاكاز قىلىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن».

تېببىي مەسلىھەتچىلەر جەمىئيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور دىپاك بەيىد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بومباي كىرىزىس گىردابىغا بېرىپ قالدى، بىز ئەسلىدە تەييارلىقنى بالدۇرراق قىلساق بولاتتى، ھازىر ئېچىلىۋاتقان ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى پەقەت بىمارلارنى سىمۋوللۇق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى». «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش بايلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشىدا تۆت ئاساسلىق سەۋەب بار. بىرىنچى، نۇرغۇن بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىشقا رازىكى، يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىشنى خالىمايدۇ. گەرچە ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا كارىۋىتىمىز بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر بىمارنىڭ بارغۇسى بولمىسا، بىز ئۇنى بېرىشقا مەجبۇرلىساق بولمايدۇ، كىشىلەر تاللىغان دوختۇرخانىلارنىڭ يۈكى بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى.



ئىككىنچى، يۇقۇملىنىش ئېلىپ كەلگەن نومۇس ۋە ۋەھىمە كەيپىياتى نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشقا ئىنتىلمەسلىكىگە تۈرتكە بولدى. بىر ئەمەلدار مۇنداق دېدى: «ئۇلار كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن يوقىلىشىنى ساقلاشنى تاللايدۇ، لېكىن ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ. نۇرغۇن بىمارلار يۇقۇملىنىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئاندىن دوختۇرخانىغا كېلىدۇ».

ئۈچىنچى، نۇرغۇن بىمارلار دوختۇردىن ئۆزلىرىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشنى جاھىللىق بىلەن تەلەپ قىلىدۇ، گەرچە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولمىسىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ئوۋ سىرىۋاستاۋا دوكتور مۇنداق دېدى: «تەشۋىشلىنىش ۋە قورقۇش سەۋەبىدىن، نۇرغۇن بىمارلاردا نەپەس تېزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۆزىگە ئوكسىگېن يېتىشمىگەن دەپ قارايدۇ».

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقۇملانغانلارنىڭ تېز كۆپىيىشى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقان نەچچە مىڭ تېببىي خادىمنىڭ بېسىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان. پراكتىكانت دوختۇرلار، كېسەلخانا دوختۇرلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرلار ۋە سېسترالار نۆۋەتتە ئۈچ ئىسمېنا ئالمىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، ھەر قېتىمدا سەككىز سائەت خىزمەت قىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم شەخسىي مۇداپىيە جابدۇقلىرى (PPE)نى ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىردىنبىر قالقان قىلىدۇ. ئۇلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىگە قارشىمۇ كۈرەش قىلىشى كېرەك.



ساينت جورج دوختۇرخانىسىنىڭ ئايرىش كېسەلخانىسىدىكى بىر دوختۇر مۇنداق دېدى: «ھازىر بومبايدا 300 نەپەر تېببىي خادىم يۇقۇملاندى. ۋىرۇس تارقىلىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى قوزغىتالمىدۇق. بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، بىز چوقۇم ئىچىملىك سۇ يوق ئەھۋالدا شەخسىي قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى كىيىپ 8-6 سائەت خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. سۇسىزلىنىپ كەتكەنلىكتىن، پۈتۈن بەدىنىمىز ئاغرىشقا باشلىدى».

كاستېبا گەندى دوختۇرخانىسىنىڭ بىر سېستىراسى مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئايال سېسترا ۋە دوختۇرلار سۇسىزلىنىش سەۋەبىدىن سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ، بۇ مەسىلە ھەيز مەزگىلىدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى كىيگەندىن كېيىن، بىز ھەتتا تازىلىق ئۆيىگىمۇ بارالمايمىز». كوۋىدتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بارلىق تېببىي خادىملار مېھمانخانىدا يېتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيدىكىلەرنى كۆرمىگىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى.

شۇ جايدىكى دوختۇرخانىنىڭ سېستراسى ماخاراشمى يېر مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۈچ ياشلىق بىر قىزىم بار، ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 3-ئايدا كۆرگەنىدىم، بىز كۈندە سىنلىق پاراڭلىشىمىز، لېكىن مېنىڭ ئۇنى باغرىمغا باسقۇم بار».

نەچچە ئاي قامال قىلىش ئارقىلىق، بومباي ئاھالىلىرىمۇ بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. 30 نەچچە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ماسكىسىنى ئېلىۋەتتى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلمىدى، بۇ قىلمىشلار مۇتەخەسسىسلەرنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالدى. بۇنىڭدىن باشقا، غايەت زور ئىقتىسادىي بېسىم ئاستىدا ھىندىستان تەدرىجىي ھالدا «قامال»نى بىكار قىلىشقا باشلىدى، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن يۇقۇمنى كونترول قىلىش تېخىمۇ تەس بولۇشى مۇمكىن.

تېخىمۇ يامان بولغىنى، بومباي يۇقۇمنىڭ ھىندىستاننىڭ يېزا رايونلىرى ۋە باشقا شەھەرلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدىغان «سەكرەش تاختىسى»غا ئايلىنىپ قالدى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: «بومبايدا تۇرۇپ قالغان نەچچە مىليون دېھقان ئىشلەمچىنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ئەگىشىپ، بىھار ئىشتاتى ۋە ئۇتتار ئىشتاتى قاتارلىق نامرات رايونلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى شىددەت بىلەن ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق قامال قىلىش تەدبىرى قوللىنىلغان بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلى يۇقۇمنىڭ كېيىنكى تەۋرەش مەركىزى بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى».

بومباي ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئورنى ئاممىۋى سەھىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى نىلەيش گود مۇنداق دەپ قارىدى: «بومباي نيۇيوركنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشىنى قايتا ئورۇنداۋاتىدۇ، لېكىن باشقا ھىندىستان شەھەرلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، 6-ئاي ۋە 7-ئايدا ھەممىسى ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھىندىستان ئەنگلىيەنى «يەڭدى»، سەۋەبى نېمە؟

ھىندىستاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلار 10 مىڭ 956 بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يارىتىلغان بىر كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى