ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەشىقلەندۈرۈلگەن ئاپشاركا يۇقۇملانغۇچىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-29 10:27

ئىتنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان پۇراش سېزىمى بولۇپ، مەشىقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن نۆۋەتتە ئىنسانلاردىكى راك كېسىلى، بەزگەك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى، پارتلاتقۇچ بۇيۇم، زەھەر قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان بولغان. ئەنگلىيە پەن تېخنىكا ئەترىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى تارقالغان مەزگىلدە، ئاپشاركىلارنى مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېز بايقىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى كۈچلۈك تەكشۈرۈش قورالىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان.


ھاننوۋېر داشۆسىدىكى تەتقىقات ئەترىتىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، سەككىز پۇراپ تەكشۈرۈش ئاپشاركىسى بىر ھەپتە مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق، SARS-CV-2 (بۇ COVID-19 كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تاجسىمان ۋىرۇس تۈپى) نىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە يۇقۇملانمىغان سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پەرقلەندۈرگەن.

تەتقىقات كوللېكتىپى 1012 يۈرۈش شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ۋە كانايچە ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، ئاندىن ئىتقا SARS-CV-2 بىلەن يۇقۇملانغان ئەۋرىشكىلەرنى پەرقلەندۈرگۈزگەن. بۇ ئەۋرىشكىلەر ئىختىيارىي تاللانغان بولۇپ تەتقىقاتچىلار ۋە ئىت كۆندۈرگۈچىلەر قايسىسىنىڭ مۇسبەت، قايسىسىنىڭ مەنپىي ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.

ئەڭ ئاخىرقى سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاپشاركىلار 157 مۇسبەت ئەۋرىشكە ۋە 792 مەنپىي ئەۋرىشكىنى توغرا تونۇغان، 33 مەنپىي ئەۋرىشكىنى، 30 مۇسبەت ئەۋرىشكىنى خاتا تونۇپ قالغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئوتتۇرىچە سەزگۈرلۈك دەرىجىسى (تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقىش) %83 كە، ئوتتۇرىچە ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى (تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىقىش) %96كە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈش نىسبىتى %94كە يەتكەن.

تەتقىقاتچى پىروفېسسور ھولگېر ۋولك (Holger Volk) مۇنداق دېدى: «بۇ كەلگۈسىدىكى تەتقىقات ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى، ئاپشاركىنىڭ پۇراش سېزىمى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ۋاقتى ياكى كىلىنىكىلىق ئىپادە تىپىنى پەرقلەندۈرۈش كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەشىقلەندۈرۈلگەن ئاپشاركا يۇقۇملانغۇچىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولدى

ئىتنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان پۇراش سېزىمى بولۇپ، مەشىقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن نۆۋەتتە ئىنسانلاردىكى راك كېسىلى، بەزگەك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى، پارتلاتقۇچ بۇيۇم، زەھەر قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان بولغان.