ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىفىتنى قالايمىقان قىلغان كەپسىز بالىنىڭ تەكشۈرۈشنامىسى توردا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-29 10:34

«11-كورپۇستىكى بوۋا، موما، تاغا، ھامما، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر. بۈگۈن مەن بىر خاتالىق ئۆتكۈزدىم... » 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى بېيلۇن رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا، 11-كورپۇس 2-ئىشىكنىڭ لىفىتىغا چاپلانغان بىر تەكشۈرۈشنامە ئولتۇراق رايون توپىدا قىزىپ كەتتى.

تەكشۈرۈشنامە يازغىنى سەككىز ياشلىق ئوغۇل بالا بولۇپ، ئۇ لىفىتقا چىققاندا شوخلۇق قىلىپ، 32 قەۋەتنىڭ كۇنۇپكىسىنى بىر قېتىمدىن بېسىپ چىققان، ئاپىسى بۇنى بايقىغاندىن كېيىن، بالىنى خاتالىقىنى تونۇشقا يېتەكلىگەن ھەم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تەكشۈرۈش خېتى يېزىپ قوشنىلاردىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان.

مۇخبىر شۇ كۈنى كەچقۇرۇن زىيارەت قىلىش جەريانىدا، تەكشۈرۈشنامىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىتىدىغان كاتەكچە دەپتەر ۋارىقىغا يېزىلغانلىقىنى، خەتلىرى قىڭغىر-سىڭغىر، يازالمايدىغان خەتلەرنىڭ ئورنىغا پىنيىن يازغانلىقىنى كۆردى.



ئىگىلىنىشىچە، ئوغۇل بالىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى «ھورنان» ئىكەن. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەن 7:40 ئۆتكەندە، ئۇ ئوخشاش بىر ئولتۇراق رايوندىكى 11-كورپۇس 2-ئىشىكتىكى مومىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئوينىغان، لىفىتقا چىققاندا شوخلۇق قىلىپ بارلىق قەۋەتلەرنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتكەن. ئەينى چاغ ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئىشقا ئالدىرغاندا، لېفىت ۋاقتىدا قەۋەتكە چىقىغان، بەزىلەر ئالدىراپ ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش بۆلۈمىگە «لىفىتتىن كاشىلا چىقتى» دەپ ئىنكاس قىلغان. ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش خىزمەتچىلىرى دەرھال تەكشۈرۈپ، ئاممىۋى سىن كۆرۈنۈشىدىن ئوغۇل بالىنىڭ ھەرىكىتىنى بايقاپ، دەرھال ئۆي ئىگىلىرى توپى ئىچىدە چۈشەندۈرگەن. كۆپچىلىك نارازى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قارشى تەرەپ نېمىلا دېگەن بىلەن كىچىك بالا، ئانچە چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىدى، بۇ ئىش ناھايىتى تېزلا بېسىقتى. ئويلىمىغان يەردىن ئەتىسى ئەتىگەندە لىفىتتا بۇ تەكشۈرۈشنامە پەيدا بولدى.

«خاتالىقىنى تونۇغان بالا يەنىلا ياخشى بالا» «يارايسەن بالا، ئاتا-ئاناڭ يارايدۇ»، تەكشۈرۈشنامە ئۆي ئىگىلىرى توپىغا ئەۋەتىلگەندە، ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.


مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تەكشۈرۈشنامىنى يېزىشنى «ھورنان»نىڭ ئاپىسى جاۋ خانىم تەلەپ قىلغان، «بالام بۇ ئىشنى قىلغاندا پەقەتلا قىزىقارلىق ھېس قىلغان، يامان نىيىتى يوق، لېكىن مېنىڭچە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا چوقۇم ئېتىراپ قىلىش كېرەك». جاۋ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 22-چېسلا كەچتە، ئۇ ئوغلىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا لىفىت كۇنۇپكىسىنى قالايمىقان بېسىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەھلىل قىلىپ بەرگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر پارچە تەكشۈرۈشنامە يېزىپ، قوشنىسىنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۆتۈنىشىنى ئېيتقان. «ئوغلۇم ئادەتتە گەپ ئاڭلايدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئوبدان گەپ قىلسام، ئۇمۇ ئاڭلايدۇ، ناھايىتى تېزلا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇ كىتاب ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا يېتىۋېلىپ بىر پارچە تەكشۈرۈشنامە يازدى، ئۇ ئازراق ئەزمىلىك قىلغاچقا، مەن ئازراق ئۆزگەرتتىم.».

كىمگە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغان بولسا، شۇنىڭدىن ئەپۇ سورىشى كېرەك. قوشنىلار ئىشقا چىقىشىغا دەخلى قىلدى، تەكشۈرۈشنامىنى قوشنىلارغا كۆرسىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن 23-چېسلا ئەتىگەن 6:30 ئۆتكەندە، جاۋ خانىم ئوغلىنى ئورنىدىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ، ئۇنى 11 كورپۇستىكى لىفىتقا تەكشۈرۈشنامە چاپلاشقا بۇيرىدى. كىچىك بالىنىڭ كەپسىز، چاتاقچى بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئانىنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى تەربىيەدىكى «دەرسلىك» دېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز يولۇققان «كەپسىز بالا»لارنىڭ كەينىدە «مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانا» بار، بالىنىڭ ئىش ئۇقىدىغان، گەپ ئاڭلايدىغان-ئاڭلىمايدىغانلىقىدا، خاتالىقىنى تونۇشىدا، ئاتا-ئانىسىنىڭ توغرا تەربىيەسى ناھايىتى مۇھىم.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لىفىتنى قالايمىقان قىلغان كەپسىز بالىنىڭ تەكشۈرۈشنامىسى توردا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى

«11-كورپۇستىكى بوۋا، موما، تاغا، ھامما، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر. بۈگۈن مەن بىر خاتالىق ئۆتكۈزدىم... » 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى بېيلۇن رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا، 11-كورپۇس 2-ئىشىكنىڭ لىفىتىغا چاپلانغان بىر تەكشۈرۈشنامە ئولتۇراق رايون توپىدا قىزىپ كەتتى.