ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوللىۋود چولپىنى كاجول كورېيە تىياتىرلىرىغا ئامراق

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 15:52

بوللىۋود چولپىنى كاجول ھازىر Netflixنىڭ يېڭى كىنوسى «Tribhanga»نى تەشۋىق قىلماقتا. زىيارەت قوبۇل قىلغاندا ئۇنىڭدىن كورېيە تىياتىرلىرىغا بولغان قارىشى سورالدى. كاجولنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كورېيە تىياتىرلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ھازىر «چېگرا ئاتلىغان مۇھەببەت» (爱的迫降)نى كۆرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ تىياتىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن، خيۇن بىن بىلەن سون يېجىن ئۇنىڭغا ياققان. كاجولنىڭ قارىشىچە، بۇ تىياتىرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ناھايىتى ئىلغار بولۇپلا قالماي، يەنە ئىشلىنىشىمۇ ياخشى ئىكەن.

كاجولنىڭ كىنوسىغا كەلسەك، «Tribhanga» بۇ يىل مەستانىلەر ئەڭ تەقەززا بولغان كىنولارنىڭ بىرى، كاجولنىڭ دېيىشىچە، بۇ كىنونىڭ ئاياللارنى باش تېما قىلغانلىقى، ئاياللارنىڭ تاشقى قىياپەت جەھەتتىكى مۇكەممەلسىزلىكى سۆزلىنىدىغانلىقى ئۇنى قىزىقتۇرغان. «Tribhanga» بۇ يىل 15-يانۋار قويۇلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوللىۋود چولپىنى كاجول كورېيە تىياتىرلىرىغا ئامراق

بوللىۋود چولپىنى كاجول ھازىر Netflixنىڭ يېڭى كىنوسى «Tribhanga»نى تەشۋىق قىلماقتا.