ئامېرىكا تاراتقۇسى: ئامېرىكا ھازىر رەھبىرى يوق دۆلەت
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 12-يانۋار ئوبزور ئېلان قىلىپ، ھازىرقى ئامېرىكا رەھبىرى يوق دۆلەت دېدى. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغىنىغا بىر ھەپتىگە يېقىن بولدى، بىراق مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزىمىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا بولماقتا».
ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى چاد ۋولف (Chad Wolf) 11-يانۋار ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، تىرامپنىڭ ئىچكى كابېنتى يەنىمۇ تارايدى، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەمەلدارلار ھازىرقى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى «ئۈزۈش» كە باشلىدى.
تېخىمۇ يامان بولغىنى شۇكى، ئامېرىكىدا ھەر كۈنى يەنە نەچچە مىڭ ئادەم يۇقۇم سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلماقتا، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا قالايمىقان. بۇنداق ئەھۋالدا ھازىرقى ھۆكۈمەت يەنە كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ماقالىدا ئېيتىلىشچە، ئامېرىكىلىقلار ھازىر رەھبەر بولمىسا قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىماقتا.