ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قەغەز نەيچە سەۋەبىدىن ئەتكەن چېيىڭىز مەززىلىك بولماي قالدىمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-14 16:46

ئادەتتە شەھەر ئايلانغاندا نەچچە مو خەجلەپ بىر سولياۋ خالتا سېتىۋېلىش، ئەتكەن چاي ئىچىشتە بىر تال سولياۋ نەيچىنى ئېلىپ ئىچىش، ئاشخانىدا تاماقلارنى سولياۋ خالتىغا قاچىلاپلا مېڭىش... بۇلار خاتىمىگە ئايلانماقچى. يەنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق سولياۋ بۇيۇملارنى باشقۇرۇش چارىسى 2021-يىلى يېڭى يىلدىن كېيىن ئۆزگەردى.

2020-يىلى 1-ئايدا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېلان قىلغان سولياۋ بۇلغىنىشنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىردە: «2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە پارچىلىغىلى بولمايدىغان بىر قېتىملىق سولياۋ نەيچىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن 2021-يىلىدىن باشلاپ، ئەتكەن چاي دۇكىنىدىكى سولياۋ نەيچىلەر ئارقا-ئارقىدىن قەغەز نەيچىگە ئالماشتۇرۇلدى، نۇرغۇن تورداشلار «كۆنەلمەسلىك»نى ھېس قىلدى. تورداشلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى، قەغەز نەيچىلىرىدە سولياۋ نەيچىنىڭ ئاستى قىسمىدىكى كېسىك ئۆتكۈر ۋە چىداملىق بولمايدۇ، ئەتكەن چاي ئىستاكانىغا تىقماق ئاسان ئەمەس، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەتكەن چاينىڭ ئالدىغا «تىزلاندۇرۇپ» قويدى، ئىككىنچىسى، سىز مىڭ بىر جاپادا ئەتكەن چاينىڭ سولياۋ يوپۇقىنى ئاچقاندىن كېيىن، بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ ئىستاكاننىڭ تېگىدىكى خۇرۇچلارنى سۈمۈرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بايقىشىڭىز مۇمكىن، يەنە قەغەز نەيچە ئوتتۇرىلىقتا ئۈزۈلۈپ كېتىشى، ھەتتا ئەتكەن چايدا ئېرىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى، ئەتكەن چاي ئىچكەندە قەغەز نەيچىسىنىڭ پۇرىقى بولىدۇ، ئىچىملىك تەمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە «نەيچىنى چىشلەش»نى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، خۇشاللىقتىن مەھرۇم بولىدىغان بىر مەيدان «ئاپەت» بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا سىز بۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ باقتىڭىزمۇ؟

ئەمەلىيەتتە ھەممىسى مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن، مۇھىت پاكىز بولغاندىلا بىز دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنالايمىز ھەمدە تۇرمۇشتىن لەززەت تاپالايمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قەغەز نەيچە سەۋەبىدىن ئەتكەن چېيىڭىز مەززىلىك بولماي قالدىمۇ؟

ئادەتتە شەھەر ئايلانغاندا نەچچە مو خەجلەپ بىر سولياۋ خالتا سېتىۋېلىش، ئەتكەن چاي ئىچىشتە بىر تال سولياۋ نەيچىنى ئېلىپ ئىچىش، ئاشخانىدا تاماقلارنى سولياۋ خالتىغا قاچىلاپلا مېڭىش...