ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باللىق بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان بىر جۈپلەر يەنىلا قايغۇ ئېچىدە قالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-19 14:44

بالا تۇغۇش ئاسان ئىش ئەمەس، بەزىدە ئاتا-ئانىلار مۆلچەرلىگۈسىز تاسادىپىيلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئاۋسترالىيەدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىلگىرى بالىلىق بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن يىل جاپالىق تەييارلىق قىلغان، بۈگۈنكى كۈندە بالا تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغاندا سېسترانىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن بالا بەختكە قارشى قازا قىلدى، نۆۋەتتە بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال دوختۇرخانا تەرەپنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشەنچە بىرىشنى تەلەپ قىلغان.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقە غەربىي ئاۋسترالىيەنىڭ بەنبېرادا يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ھامىلدار ئايال سېسترانىڭ خىزمەت خاتالىقى تۈپەيلىدىن تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېرى بىلەن يەنىلا قايغۇ ئىچىدە قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بەش يىل ئىلگىرىلا بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلغان، لېكىن بۇلارنىڭ باللىق بولۇشى ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىگەن، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن ۋە توختىماي تىرىشقان، ئۆزلىرىنىڭ تېزراق بالىلىق بولۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن. بەخىتكە يارىشا ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى بەش يىلدىن كېيىنكى بۇلتۇر ئەتىگەندە، دوختۇر ئايالى سارانىڭ بىر ئوغۇلغا ھامىلدار بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان كۈنى ئەمەلگە ئاشقان، بۇنىڭدىن ئەر-ئايال ئىككىسى ناھايىتى خۇشال بولغان.

بۇلتۇر 12-ئايدا دوختۇر سارانىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇغۇت شارائىتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ مەزگىلدە، دوختۇر ئۇنىڭغا مورفىن دورىسى يېزىپ بېرىپ، سارانىڭ خاتىرجەم يەڭگىشىگە ياردەم قىلغان، ئەر-خوتۇن ئىككىسى پات ئارىدا كېلىدىغان بۇ خۇشاللىققا تەييارلىق قىلىۋاتقان.

ئويلىمىغان يەردىن سارا دورىنى ئوكۇل قىلغاندىن كېيىن دەرھال ھوشسىز ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن ھوشىغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىپ، بالىسىنىڭ ھايات قالالمىغانلىقىنى بىلگەن. ساينت جون دوختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، ئەسلىدە بۇ سېسترانىڭ خىزمەت خاتالىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سەۋەنلىك ئىكەن، چۈنكى سارا قوبۇل قىلغان دورا مىقدارى نورمال مىقدارنىڭ ئون ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

سارانىڭ ئېرى سانني مۇنداق دېدى: «ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككىنجى كۈنى ئەتىگەندە، يەنى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى دوختۇرخانا ئاندىن مەسىلىنى ھېس قىلغان، شۇ چاغدا مەن تېخى ئۆيدە ئۇخلاۋاتاتتىم، بۇنداق چوڭ ئىشنىڭ چىققانلىقىدىن ئەسلا خەۋەرسىز. مەن دوختۇرخانىغا يېتىپ بارغاندا، سارا بىلەن بالا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتاتتى».

بۇنىڭغا قارىتا، دوختۇرخانا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەكشۈرۈش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا، لېكىن ھازىر ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەنى يەنە بەزى سۈنئىي ئامىلمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنداق بولسىمۇ، بىز يەنىلا بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇندىن چۇڭقۇر كەچۈرۈم سورايمىز. بىز بۇ مەسىلىگە قارىتا ھەرىكەت قوللاندۇق، بىز سىياسەت تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تەرتىپى ۋە كېلىشىمدىكى بەلگىلىمە ۋە دورا زاپىسىنى باشقۇردۇق.»

«بۇ ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بولدى، دوختۇرخانا تەرەپ بۇنى پۈتۈنلەي ھېس قىلىدۇ».

كېيىن بۇ ۋەقە ئاۋسترالىيە ساغلاملىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىنغان، مەزكۇر ئىدارە ئارقىدىنلا بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك تۇغۇت تېببىي خادىمىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، يەنە بىر سېستىرا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستېپا بەرگەن.

سارا مۇنداق دېدى: «بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقە شۈبھىسىزكى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك بولدى، مېنىڭ ھاياتىم ۋە ئائىلەم بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى».

شۇ يەر ۋاقتى 17-يانۋار سارا بىلەن سانني مۇخبىرغا بۇ ئازابلىق كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بېرىپ، باشقا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭمۇ بۇنداق ئىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئائىلىسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش بىر تاسادىپىي ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلغان.

بۇ قېتىمقى ۋەقەگە، تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ۋە بالىسىغا ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال باللىق بولۇشقا بەش يىل تەييارلىق قىلغان بولۇپ، روھىي جەھەتتە خېلى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان، بۈگۈنكى كۈندە، بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ ئىنتايىن ئازابلانغان، مېنىڭچە بۇنداق ئىشقا يولۇققان ھەرقانداق بىر ئائىلە بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

باشقا تورداشلارمۇ بۇنىڭغا ئادەمنىڭ راستىنلا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بەلكىم ئۇلار بالىنىڭ پات ئارىدا تۇغۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەمدى مۇكەممەل ئائىلە تۇرمۇشى كەچۈرىدىغان بولدۇق دەپ ئويلىغان بولغۇيتى، دېدى. بۇ ئەر-ئاياللار ئېيتقاندەك، باشقا ئائىلىلەرمۇ دوختۇرخانىدا يەڭگىگەندە چوقۇم ھەر تەرەپتىن كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

باللىق بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان بىر جۈپلەر يەنىلا قايغۇ ئېچىدە قالدى

بالا تۇغۇش ئاسان ئىش ئەمەس، بەزىدە ئاتا-ئانىلار مۆلچەرلىگۈسىز تاسادىپىيلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ.