ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تام كرۇسنىڭ ئاچچىقى ناھايىتى يامان بولغاچقا، ھوللىۋودتىكى نۇرغۇن ئارتىسلار ئۇنى ياقتۇرمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-19 14:48

تام كرۇس دائىم ئاخبارات باش بېتىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان داڭلىق چولپان، ئەمما ئۇ «ئىمكانسىز ۋەزىپە 7» (碟中谍7) ناملىق كىنونى ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئالدىدا جىددىي نۇتۇق سۆزلەشلىرى ئۇنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئاخبارات خەۋەرلىرىدە نامايان قىلغان. بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە تام كرۇس تاماشا چەمبىرىكىدىكى «كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئادەم» ئىكەن.

بەزى تاراتقۇلار: «نېمە ئۈچۈن ھوللىۋود تام كرۇسقا ئۆچ!» دەپ سورىغان، بۇ ژۇرنالنىڭ ئېيتىشىچە، بىرىنچى سەپتىكى چولپان بولۇپ قالغىلى شۇنچە يىل بولغاندىن كېيىن، تام كرۇس «غەلىتە ئادەم»گە ئايلىنىپ قالغان، تاراتقۇلار: «تام كرۇس ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان تەلۋە، ئۇ ئۆزىنى خاسىيەتلىك ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ» دېگەن. كەسىپ ئەھلىلىرى بولسا: «ئاغزى سەت گەپلەر بىلەن تولغان تام كرۇسنىڭ كىنو ئىشلەش مەيدانىدىكى ھەر قانداق ئادەم بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشى ياكى قىز دوست تېپىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن.



بەزى تاراتقۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، تام كرۇس يېقىندا «ئىمكانسىز ۋەزىپە 7» ناملىق كىنو ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن يۇقۇم كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكىدىن ئاغرىنغان، كىنو ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۇنى مىجەزى چۇس ۋە رەھىمسىز بولغاچقا «يېڭى ئېللېن دېگېنېرېس» دەپ ئاتىغان، مەلۇم بىر كىشى بۇ توغرسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چولپان دەپ قارايدۇ، ئەگەر بىرەرسى ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا قاتتىق رىئايە قىلمىسا، ئۇ شۇ ھامان ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ».



ھەممە ئادەم كىنو مەيدانىدا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىشلەيدۇ! ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشقا ئۆچ! يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن دەلىللەر شۇكى، تام كرۇسنىڭ ئىلگىرىكى خوتۇنى نىكول كىدمەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ سۇس ئىكەن، شۇنداقلا «قان شورىغۇچى ئالۋاستى سۆھبىتى» (吸血鬼访谈)دە براد پىت بىلەن بولغان ناچار خىزمەت مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىغان. ئىچكى قىسىمدىكى زاتلار خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ ئىزچىل مۇشۇنداق. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ھوللىۋودتا دوستى يوقلىقىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى».



تام كرۇسنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشىغا نېمە بولدى؟

شۇنداق، بۇ ۋاسىتىلىك ئارتىس بىلەن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دېيەرلىك. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھوللىۋودتا، بەزى ئاجرىشىشلار ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئەزەلدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باقمىغان. بۇ خىل قاراش بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە زىت كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېكولې كىدمان ئىلگىرى تام كرۇس بىلەن مەخپىي ئالاقىلاشقان، گەرچە بۇ يالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ تام كرۇس توغرىسىدا سۆزلەشكەندە، نىكول كىدمەننىڭ ئۆزى دېمەكچى بولغان ھەرقانداق گەپنى قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ نۇقتىنى تىلغا ئالمىغان تەقدىردىمۇ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭ ئۇچرىشىش تۇرمۇشىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تام كرۇسنىڭ ئاچچىقى ناھايىتى يامان بولغاچقا، ھوللىۋودتىكى نۇرغۇن ئارتىسلار ئۇنى ياقتۇرمايدۇ

تام كرۇس دائىم ئاخبارات باش بېتىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان داڭلىق چولپان، ئەمما ئۇ «ئىمكانسىز ۋەزىپە 7» (碟中谍7) ناملىق كىنونى ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئالدىدا جىددىي نۇتۇق سۆزلەشلىرى ئۇنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئاخبارات خەۋەرلىرىدە نامايان قىلغان.