ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەڭ كۆپ مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان 21 پارچە كۆرۈنۈش

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-19 17:48

 

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئىلگىرى توردا مۇنداق بىر تەسىرلىك ھېكايىنى كۆرگەنىدىم:

«بىر قېتىم دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغاندا، قارشى تەرەپتە بىر دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ كېسىلى بەكلا ئېغىردەك قىلسىمۇ، لېكىن CT ئاپپاراتىغا سالغۇزۇپ كېسەل كۆرسەتكۈدەك پۇلى يوق ئىكەن. دېھقان ئىشلەمچى قىينالغان ھالدا دوختۇرغا ئۆزىنىڭ پۇل چىقىرالمايدىغانلىقىنى، مائاشىنى كېلەر ئايدا بېرىدىغانلىقىنى، شۇڭا كېلەر ئايغىچە ساقلىغاندا ئاندىن تەكشۈرتۈش قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتماقتا ئىدى. ئىشىكتىن چىقىۋېتىپ ئىشلەمچى دېھقاننىڭ ئايالىنىڭ بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن كىمدۇر بىرلىرىدىن تېلېفوندا پۇل سوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى، شۇ دەقىقىدە ئۆزۈممۇ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم. ماڭىدىغان چاغدا ئۇلارغا ئازراق پۇل بەردىم، ئاندىن ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئارزۇلىدىم.»

بۇ بىر بىلوگ ئىگىسىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشى ئىدى.

ئۇ ئاخىرىدا: «ئادەملەر ئارىسىدا ياشىماق نېمانچە تەس» دەپ قوشۇپ قويغانىدى.

شۇنداق، ھاياتلىق ھەقىقەتەن تەس. رېئال تۇرمۇشتا دائىم بېسىم ھېس قىلىپ، نەپەس ئالالماي قالىمىز. ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى ئاچساق، كەينى-كەينىدىن دىلىمىزنى ئېزىدىغان خەۋەرلەرنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز دۇنيانىڭ ئوتتەك تومۇز ئىسسىقى، تەقدىرنىڭ ئادىلسىزلىقى، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاجىزلىقىغىمۇ بارا-بارا كۆنۈپ قالغانىدۇق. نۇرغۇن تېراگىدىيەلەر بىزنى تاۋلىدى، ئازابلىق ئەسلىمىلەر ئۆچمەس جاراھەتلەرنى يار قىلدى.

سىز «مۇھەببەت»نى ئەستايىدىللىق بىلەن ھېس قىلىپ باقمىغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ دائىم مېھىرسىز، مۇھەببەتسىز دۇنيا دەپ ئاغرىنىۋاتامسىز؟ لېكىن ئۇنتۇپ قالماڭ، ھامان بىر قىسىم ئىللىق دەقىقىلەر سىزنى مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەندۈرىدۇ. مۇھەببەت شەكسىزكى بۇ دۇنيانىڭ شىپالىق دورىسىدۇر.

ئىزدەش بېكىتىگە كىرىپ «ئۆلۈۋېلىش» ھەققىدە خەت كىرگۈزسىڭىز نەتىجىدە 47 مىليون 100 مىڭ پارچە ئالاقىدار ئۇچۇر چىقىدۇ، ھەر كۈنى سانسىزلىغان كىشىلەر ئۆزىنى ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللايدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ يەنە ياخشىراق ياشاشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتماڭ.

ئىنتايىن ئاددىي ئېيتىلغان بىر ئېغىز: «سىزنى سۆيىمەن» ئادەمنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، كۆزلىرىگە ياش كەلتۈرىدۇ.

رەھمەت سىزگە ناتونۇش ئادەم، مېنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت.

سىز كىچىككىنە ياخشىلىقىڭىزنىڭ قانچىلىك ئېنېرگىيەنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلمەيسىز، ئۇ يەنە ئۈمىدسىزلىك گىردابىغا بېرىپ قالغان ئادەمگە قانچىلىك ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.

بىرەيلەن كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرۇپ ئۆلۈۋالماقچى بولغاندا، ئاستىدا شوپۇرلار يۈك ئاپتوموبىلىنى قاتار تىزىپ ئۇنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى توسۇپ قالماقچى بولغان.

بەلكىم دۇنيادىكى بەزى بىر رەزىللىكلەر ئاقكۆڭۈللۈكنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن ئاقكۆڭۈللۈك خۇددى بىر دەستە نۇرغا ئوخشايدۇ، ئۇ ھەمىشە باشقىلارنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، شۇنىڭدەك تالاي قەلبكە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، شۇنىسى ھەقىقەتكى ھېچقانداق ئاقكۆڭۈللۈك بىكارغا ئىسراپ بولۇپ باقمىغان.

كارتون قونچاق كىيىمىنى كىيىۋالغان بىر ئادەم ھارغىنىدىن يەردە ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋالماقچى بولىدۇ. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىچىك بالا ئۇنى كۆرۈپ دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ قويىدۇ.

بەزىلەر ھەمىشە دۇنيانى رەھمسىز، دۇنيا سوغۇقچىلىققا تولغان دەپ قاقشايدۇ. لېكىن بىلەمسىز؟ كۆزىمىز يەتمەيدىغان نۇرغۇن يەرلەردە يەنىلا بەزى گۈزەللىكلەر تاسادىپىي پەيدا بولىدۇ، ئۇ كىشىلەر قەلبىدىكى ئەڭ نازۇك ۋە ئىللىق مۇھەببەتنى ئاتا قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىلىغا مېھىر ئۇرۇقىنى چاچىدۇ.

بېيجىڭ شىدەن(北京西单)دە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش ۋەقەسىدە كىشىلەر تەرەپ-تەرەپكە قېچىشىدۇ. سودا ساراينىڭ بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىسى بىر ئورۇندۇقنى ئېلىپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي خەتەرگە قاراپ يۈگۈردى.

بۇ دۇنيادا ناھايىتى خەتەرلىك ئىشلار كۆپ، شۇنىڭ بىلەن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جان ساقلاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويماي، بەلكى خەتەرنى توسۇشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدا بارلىق ئەڭ گۈزەل قەلىب ئىگىلىرىگە ھەر زامان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

بالا تۇيۇقسىز ئىشكاپ ئۈستىدىن دۇملاپ چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاكىسى ئېتىلىپ بېرىپ، قولىنى سوزۇپلا ئىنىسىنى تۇتۇۋالىدۇ.

تۇرمۇشتا ھامان خېيىم-خەتەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن ھەر قانداق ئىشتىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ، چۈنكى بىرى سىزنى ئوغرىلىقچە قوغداپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۈنسىز سىزگە مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ تۇرىدۇ.

يەتتە ياشلىق سىڭلىم مېنىڭ خامۇشلۇققا قارشى تۇرىدىغان دورام بىلەن قەنت-گېزەكلەرنى بىللە تېزىپ قويغانىدى.

ئۇ: «كەمپۈت مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلالايدۇ، شۇڭا مەن دورىلىرىڭىز بىلەن بىر ئورۇندا كەمپۈت تېزىپ قويدۇم. بۇنداق بولغاندا سىزمۇ چوقۇم خۇشال بولۇپ كېتىسىز» دېگەنىدى.

بۇ مەن ئاڭلىغان ئەڭ ئوماق سۆز ئىدى.

ئەسلىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تۇيۇقسىزلا ياغقان قاتتىق يامغۇر ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى.

بوۋاي بىنانىڭ ئاستىدىكى قوشنىسىنىڭ ئاپتاپقا سالغان كىيىملىرىنى يىغىشتۇرمىغانلىقىنى كۆرۈپ، دېرىزىسىدىن ئىككى كۈنلۈكنى چىقىرىپ تۇتۇپ، بىناننىڭ ئاستىدا ئېسىپ قويۇلغان كىيىملەرنى يامغۇردىن توسۇشقا تىرىشىۋاتقانىدى.

ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە ياخشىلىق قىلىش قەرزى يوق، لېكىن ئاقكۆڭۈللۈك بىزنى ئەزەلدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ باقمىغان.

قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن سۇلياۋ خالتا سۇ چۈشۈش ئېغىزىنى تۇسۇۋالغاچقا، يىگىت يامغۇردىن يىغىلىپ قالغان سۇغا دەسسەپ يىراقتىن كېلىۋاتقان ماشىنىلارغا ئېھتىيات بىلەن قارىغاچ سۇلياۋ خالىتىنى ئېلىۋەتكەنىدى.

كۈچلۈك بوران سەۋەبىدىن سۇنۇپ كەتكەن دەرەخ شاخلىرى ئۆتۈشمە يولنى توسۇۋېلىپ، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلگەنىدى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يىگىت كۈچلۈك يامغۇرغا قارىماي دەرەخ شاخلىرىنى سۆرەپ، يول بويىغا قويۇۋاتاتتى.

بوران-چاپقۇنغا، قاتتىق يامغۇرغىمۇ قارىماي، جان پىدالىق بىلەن كۆرسەتكەن كىچىككىنە بىر ھەرىكەت بۇ شەھەرنى ئىللىتىۋەتكەنىدى.

مېتىرودا چاقلىق ئورۇنداقتا ئولتۇرغان بىر كىشى ئۇياقتىن-بۇياققا سىلكىنىپ توختىمايۋاتقان چاقنى تەسلىكتە كونترول قىلىۋاتاتتى. بىر تەرەپتە ئولتۇرغان يىگىت بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۈن-تىنسىز ھالدا چاقنى قولى بىلەن تۇتۇپ، بىر پۇتىنى چاقنىڭ ئاستىغا قويۇپ چىڭڭىدە بېسىپ تۇرىۋالغانىدى. گەرچە بىر قانچە بېكەتتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يىگىت ئىزچىل چاقنى قويىۋەتمىگەنىدى.

قاراڭ، بۇ دۇنيا سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ناچار ئەمەس، بەلكىم ھەممە ئادەم ئاقكۆڭۈل بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ھامان بىر ئادەم ھەمىشە قەلبىڭىزنى كىچىككىنە ھەرىكىتى بىلەن تەسىرلەندۈرىدۇ.

قىزچاق مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا قەلبى ئىزچىل ئازابتىن پۇچۇلانماقتا ئىدى. ئۇ سىرتتىن نەرسە سېتىۋالغاندا ئەسكەرتمە ئورنىغا سۆز قالدۇرۇپ: «بىر كىچىك يولۋاس ئالغۇم بار» دەپ يېزىپ قويغانىدى.

ئاندىن ئۇ راستتىنلا بىر ئوماق يولۋاسنى تاپشۇرۇۋالغانىدى.

ھەر قانداق ئىشنىڭ ھەممە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر نەتىجىسى بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىنچە بولمىسا، ئۇ تېخى ئاخىرىغا بېرىپ قالمىغانلىقىنى ھامان ئىسپاتلايدۇ. تۇرمۇش ھەقىقەتەن ئىنتايىن جاپالىق، لېكىن سىز يەنىلا ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە شەكسىز ئىشىنىڭ.

يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يىگىت سەرگەردان ئادەمنىڭ يالاڭ ئاياغ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئاياغدىن بىر جۈپ سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا بەردى.

تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ياشلاتقىنى يوق، پەقەت بۇ يىگىتنىڭ كىچىككىنە ھەرىكىتى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، كۆز ياشلىرىنى ئىختىيارسىز تۆككۈزگەنىدى. بەلكىم بۇ بىر جۈپ ئاياغنىڭ سىزگە نىسبەتەن تىلغا ئالغۇچىلىكى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بۇ كىچىككىنە ئىللىقلىق ۋە مۇھەببەت ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەتىسىنى تىرەپ تۇرالايدۇ.

قىزچاقنىڭ تۇيۇقسىز پۇتى يارىلانغانلىقى سەۋەبىدىن ئامالسىز چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە كېلىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى پەلەمپەيدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى سىنىپقا ئاچىقىپ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغانىدى. ئۇلار دەل مۇشۇنداق قىلىپ بىر ئاي بەرداشلىق بەرگەنىدى.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ دۇنيادا ھامان بىر ئادەم سىز ئېھتىياجلىق بارلىق يۈكىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە يار-يۆلەك بولالايدۇ.

كۆيۈمچان دوختۇر سېسترالار گاس-گاچا ئانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يەڭگىشى ئۈچۈن، بىر پارچە قەغەزگە: «ئوپېراتسىيە ھازىر باشلاندى، ئاغرىدىمۇ؟ بەرداشلىق بېرىڭ، بالىنى ئوڭۇشلۇق يەڭگىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن تىرىشىڭ، قوزىڭىز تېزلا دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. بالا ساق-سالامەت، ئۇ قىز ئىكەن، بىز ئىزچىل يېنىڭىزدا سىزگە ھەمراھ بولىمىز» دېگەن خەتلەرنى يېزىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەنىدى.

گەرچە تۇغۇت ئازابىنى تىل بىلەنلا پەسەيتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن دوختۇرلارنىڭ مېھىرلىك ئىش ئىزلىرى ئۇنىڭغا جاسارەت ۋە چىدام، كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلاۋاتقانىدى.

كۈچۈك ھەمىشە بىر خىل غەمكىنلىك ۋە ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسىدا ئىگىسىنىڭ يۇيۇنۇشىغا قاراپ تۇراتتى. بەلكىم ئۇ يۇيۇنۇشنى ياقتۇرمىغاچقا، ئىگىسىنىمۇ كۆڭلى يېرىم دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. ئۇ بەزىدە يەنە ئويۇنچۇقلىرىنى ئىگىسىنىڭ يۇيۇنۇش كۆلچىكىگە سېلىپ قوياتتى.

قاراڭ، دۇنيا سىز ئويلىغاندەك ناچار بولماسلىقى مۇمكىن، مۇھەببەتلىك كۆزلەر ھەمىشە سىزگە تىكىلگەن بولىدۇ.

تىلەمچىلىك قىلىدىغان بىر ئوغۇل بالا بىر كىشىلىك ئاددىي تاماققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى سىڭلىسىغا بېرىشكە تەقەززا بولغانىدى.

گەرچە بۇ دۇنيا ئۇنىڭغا قىيىن قىستاقلىرى، سوغۇقچىلىقلىرى بىلەن بېقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خۇشاللىق بىلەن كۈلۈۋاتاتتى.

قاتناش چىرىغى بېكىتىلمىگەن يول ئېغىزىدا، ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى كېلىشىۋالغاندەك توختاپ، بوۋاينىڭ يولدىن ئۆتۈۋېلىشىنى جىمجىت كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. بۇ دەقىقىدە خۇددى ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ئىدى. كىم ناتونۇش ئادەمگە يول بېرىشىنى خالاپ، ئۇزۇنغىچە ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟

ئەجەبا سىز دېگەندەك مۇھەببەت بىزدىن بەك يىراقتىمىدۇ؟

يېنىك دەرىجىدە ئازخېمېر كېسىلى (阿滋海默症)گە گىرىپتار بولغان ياشانغان ئانا بۇ يىل 90 ياشقا كىرگەنىدى. گەرچە قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ كۈنلۈكنى تۇتقانچە ئوغلىغا تاماق ئاپىرىپ بېرىشتە چىڭ تۇراتتى. ئوغلى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى راك بىلەن قورۇلغان رومبا ئېلىۋېلىش ئۇنىڭ ئېسىدىن زادىلا چىقىپ قالمايتتى.

ئانا گەرچە پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئەمما سىزنى سۆيۈشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.

سۈرەتتە: ئۈچ نەپەر تېز يوللانما يەتكۈزۈش خادىمى بىرلىكتە ئىنتايىن چاققانلىق بىلەن ئىككى ياشلىق قىزنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى.

-سىلەرگە كۆپ رەھمەت، ھاياتىم قىل ئۈستىدە قالغاندا، ھېچنېمىگە قارىماي مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭلار.

يېشى بىر ئەسىرگە  يېقىن پەرقلىنىدىغان بوۋاي بىلەن بوۋاق ئىشىك ئالدىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغانىدى.

ھايات ھەمىشە ئۈنسىزلىكى بىلەن ئۆتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سىز ئويلىمىغان كەچمىشلىرى ۋە ھېكايىسى بىلەن سىزنى قۇچاقلاپ تۇرىدۇ.

ھايات ئىنتايىن ئۇزۇن، ئەمما ئىللىقلىق ھەمىشە قەلبىمىزنى ئىللىتىپ، مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ.

تولۇق 3-يىللىقنى پۈتتۈرگەن كۈنى ئوقۇغۇچىلار دوسكىغا «رۇخسەت سوراش خېتى» يېزىپ ئوقۇتقۇچىسىدىن رۇخسەت ئالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىسى قوشۇلمىغانىدى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبى ئېزىلگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ گۈزەل كوللېكتىپ تۇرمۇشقا قايتىپ كېتىش مۇمكىن بولمايتتى.

سىزنى ئازابلىغان ئۆتمۈش بولسا، ئەمەلىيەتتە سىز ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ.

سۈرەتتە: پۈتۈن بەدىنى مايغا مىلىنىپ كەتكەن بىر سەرگەردان كىشى ئۈن-تىنسىز يەردىكى قاتارغىنە ئاممىۋى ۋېلىسىپىتلارنى يۆلەپ قويۇۋاتاتتى.

ئاقكۆڭۈللۈك تۇغما قابىلىيەت بولۇپ، ئۇ مەيلى نامراتلىقتا ياكى باي-باياشاتچىلىقتىمۇ ئوخشاشلا ئەسلىنى يۇقاتمايدۇ.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەيلى قانداق ئوڭۇشسىزلىق ياكى قانچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇقۇڭ بەل قويىۋەتمەڭ، ئۈنسىز تىرىشىڭ. ياخشىلىق قىلالىغۇدەك ئىمكانىيىتىڭىز بولسا باشقىلارغا ياخشىلىقىڭىزنى يەتكۈزۈڭ، ياخشىلىق ھەتتا سىزنىڭ بىر ئىللىق قول سۇنىشىڭىز، ئىللىق تەبەسسۇمىڭىز بىلەنمۇ ئىپادە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا دۇنيانى مۇھەببەتكە تولدۇرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەڭ كۆپ مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان 21 پارچە كۆرۈنۈش

تولۇق 3-يىللىقنى پۈتتۈرگەن كۈنى ئوقۇغۇچىلار دوسكىغا «رۇخسەت سوراش خېتى»