ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىتالىيەدە بىر جىنايەتچى تۈرمىنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ قېچىپ كەتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-20 10:11

ئاۋستىرالىيە بىرلەشمە ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 17-يانۋار كەچكە يېقىن ئىتالىيەدە بىر جىنايەتچى تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلار دەرھال تاراتقۇلارغا مەزكۇر جىنايەتچىنىڭ تەقى-تۇرقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىنى ئاشكارلىغان ۋە دەرھال ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىش رىم شەھىرىدىكى رېبىبىيا تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىنىڭ ئىسمى مانولو گامبىنى (Manolo Gambini) ئىكەن، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوغۇرلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان بولۇپ، قويۇپ بېرىشكە يەنە ئالتە يىل ۋاقىت بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مانولو گامبىنى 17-چېسلا كەچكە يېقىن تۈرمە ئىچىدە سەگىدەۋاتقان ۋاقىتتا ساقچىلارنىڭ ئېھتىياتسىز ھالەتتە تۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تامدىن ئارتىلىپ تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە ساقچىلىرى دەرھال ئىزدەش، قوغلاپ تۇتۇش ھەركىتى ئېلىپ بارغان ۋە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەزكۇر تۈرمىدە يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىش «ھىكايىسى» ئەمەس بولۇپ، بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ساقچىلار مەزكۇر تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن ئىككى جىنايەتچىنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن، ئۇندىن باشقا يەنە تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن بىر قانچە جىنايەتچى تېخى تۇتۇلمىغان.

كۆپلىگەن جىنايەتچىلەر تۈرمىدىن قېچىپ كېتىش دېلوسىغا قارىتا، ئىتالىيە تۈرمە ساقچىلىرى بىرلەشمە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالدو دىياكومو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرىدىكى قىلمىش تۈرمىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تۈرمە قۇرۇلمىسىدا بەزى بىر يوچۇقلارنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەزكۇر تۈرمە رىمۇنت قىلىش جەھەتتە ۋاقتىدا ھۆكۈمەتنىڭ راسخوت ئاجرىتىپ بېرىشىگە ئېرىشەلمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرقىدەك دېلولار كۆپىيىپ قالغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىتالىيەدە بىر جىنايەتچى تۈرمىنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ قېچىپ كەتتى

ئاۋستىرالىيە بىرلەشمە ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 17-يانۋار كەچكە يېقىن ئىتالىيەدە بىر جىنايەتچى تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلار دەرھال تاراتقۇلارغا مەزكۇر جىنايەتچىنىڭ تەقى-تۇرقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىنى ئاشكارلىغان ۋە دەرھال ساقچىغا دىلو مەلۇم قىغان.