ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيەلىك ئەر ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ دېڭىزدا لەيلەپ فىرانسىيەگە بارغان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 09:56

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە بىر ئەر لەيلىمە ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ دېڭىز-ئوكياندىن ئۆتۈپ فىرانسىيەگە بارغان، بۇ خىل ئۆزگىچە قاتناش شەكلى ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە پەقەت بىرلا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ئەر ھاۋا شارىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىككى قولى بىلەن ئىتتىرىپ يۆنىلىشنى ۋە سۈرئەتنى بەلگىلەپ فىرانسىيەگە بارغان. دېڭىزدا سىگنال بولمىغاچقا، ئۇ كومپاس ئارقىلىق يۆنىلىشنى پەرق ئەتكەن. بۇ ھىم ئېتىلگەن شاردا ئوكسىگېن يوق بولغاچقا، ئۇ يەنە ئالاھىدە ئوكسىگېن تۇڭى تەييارلىۋالغان. نەتىجىدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ بۇ ئەر نىشاندىن قېيىپ كېتىپ قالغان، بۇ ۋاقىتتا ئوكسىگېن تۈگەپ، گاز شارى ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قالغىلى تاس قالغان، ھېلىمۇ ياخشى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پاراخوتتىكىلەر ۋاقتىدا بايقىغاچقا ئۇ بۇ پاجىئەدىن ساقلىنىپ قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيەلىك بۇ ئەر بىر ساياھەتچى بولۇپ، ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلان، پاراخوت قاتارلىق نورمال قاتناش قوراللىرىغا ئۆچ ئىكەن، دائىم ئۆزگىچە قاتناش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ساياھىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايدىكەن. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنى ياغاچ ساندۇق ئىچىگە قاچىلاپ ئايروپىلان بىلەن توشۇشقا ھاۋالە قىلغان بولۇپ، ئۇ بەزى ئالاھىدە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن. يەنە ئۆزىنى تېز يوللانما ئارقىلىق توشۇشنى ھاۋالە قىلغان، توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا 12 سائەت تۇرغان، ھەتتا قۇم بىلەن ئۆزىنى تىرىك كۆمۈۋەتكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنگلىيەلىك ئەر ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ دېڭىزدا لەيلەپ فىرانسىيەگە بارغان

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە بىر ئەر لەيلىمە ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ دېڭىز-ئوكياندىن ئۆتۈپ فىرانسىيەگە بارغان، بۇ خىل ئۆزگىچە قاتناش شەكلى ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.