ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاسىي مەلىكە مارگارېتنىڭ ئۆمۈرلۈك ئازابى-تۇنجى مۇھەببەت!

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 09:19

1953-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ھازىرقى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت IIگە تاج كىيدۈرۈلگەن كۈن بولۇپ، مۇراسىم ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن، ئېلزابېت IIمۇ ناھايىتى ھەشەمەتلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن. ئەمما ئۇ مۇراسىمنىڭ بىردىن بىر مۇھىم نۇقتىسى ئەمەس، سەۋەبى نەق مەيداندا مۇخبىرلار كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈشنى كۆرگەن، بۇ كۆرۈنۈش پۈتكۈل ئەنگلىيەنى زىلزىلىگە سېلىشقا يېتىپ ئاشقان، ھەتتا كېيىن بىر مەيدان چوڭ مالىمانچىلىق كۆتۈرۈلگەن.

بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نەزىرىنى تاج كىيگەن باش قەھرىمان ئايال پادىشاھ ئېلزابېت IIدىن، ئۇنىڭ سىڭلىسى مارگارېتقا يۆتكىگەن، ئۇ شۇ چاغدا توۋىنسېندنىڭ كىيىمىدىكى چاڭ-توزانلارنى قېقىۋاتاتتى. بىر ئايالنىڭ بىر ئەرنىڭ كىيىمىدىكى چاڭ-توزانلارنى قېقىشى، ئېنىقكى بىر خىل يېقىنچىلىقنىڭ ئىپادىسى، ئىككەيلەننىڭ سالاھىيىتى ۋە يېشىدىن قارىغاندا ئۇلار بەلكىم ئاشىق-مەشۇق بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى، مارگارېت بىلەن توۋىنسېند ئاشىق-مەشۇق بولسا بولالمايتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئەسلا ماس كەلمەيتتى.

مارگارېت 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان. ئەقىللىق، چىرايلىق دېگەندەك گۈزەل سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭ قىياپىتى ۋە سالاپىتى ھەقىقەتەن ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، ھەتتا ئېلزابېت IIمۇ ئۇنىڭ يېنىدا سەل چانىدۇ. ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى، مارگارېتنىڭ تاغىسى ئېدۋارد تەخت بىلەن مۇھەببەتتىن ئىبارەت قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مۇھەببەت ئۈچۈن تەختتىن ۋاز كەچكەن. شۇنىڭ بىلەن تەخت مارگارېتنىڭ دادىسى جورجى VIگە قالغان، ئۇنىڭ ئاچىسى شۇ سەۋەبتىن تەخت ۋارىسى بولۇپ قالغان.

گەرچە شۇنىڭدىن كېيىن ئېلزابېت سىڭلىسىنىڭ نۇر ھالقىسىنى يېپىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما گۈزەل كىچىك مەلىكە يەنىلا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ چوڭقۇر ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. لېكىن شۇ قېتىمقى تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىدىن كېيىن، مارگارېت ئاچىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان، «ئەركە نايناق نازىنىن» دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولغان. مەلىكىنىڭ بۇ نامغا ئېرىشىشىگە ئېلزابىت IIنىڭ تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا يۈز بەرگەن ھېلىقى ئىش سەۋەب بولغان، ئۇ ۋە توۋىنسېندنىڭ مۇھەببىتى ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن.

پېت توۋىنسېند ئۇنىڭدىن 16 ياش چوڭ، ئۇرۇش قەھرىمانى بولۇپلا قالماي، يەنە تەقى-تۇرقى ئىنتايىن كېلىشكەن ئەر. ئۇ ئىلگىرىكى يىللاردا ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا 11 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشتەك شانلىق نەتىجىنى ياراتقان، كېيىن جورجى VIنىڭ ياساۋۇلى بولغان. چىراي تۇرقى ۋە سالاپىتىگە ھەقىقەتەن گەپ كەتمەيدۇ.

مەلىكە بىلەن بولغان مۇھەببىتى ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر ئەزەلدىن ئۇنى «گرېگور پەك» ئۇسلۇبىدىكى ئەنگلىيەلىك دەپ قارايتتى، ئەنئەنىۋى مۇتەئەسسىپ مىجەزىمۇ ئۇنىڭ سالاپىتىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كېلىشكەن ياساۋۇل بىلەن گۈزەل مەلىكە، ياش، سالاھىيەت دېگەنلەرگە پەرۋا قىلماستىن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئەمما مەيلى ئامما ياكى خان جەمەتى ياكى ئىچكى كابېنت بولسۇن، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى قوللىمىغان، توۋىنسېند پەقەت بىر ياساۋۇل، يەنە كېلىپ توي قىلغان ياساۋۇل ئىدى.

گەرچە ئۇنىڭ خانىمى مەلىكە مارگارېتنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجرىشىپ ئورۇننى بىكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن توۋىنسېندنىڭ توي قىلغانلىق پاكىتىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. مەلىكە توۋىنسېندنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاچىسىغا مەلىكە سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق بۇ چاغدا ئايال پادىشاھ ئەمدىلا تەختكە چىققان بولغاچقا ئامالسىز قالغان.


ئۇ سىڭلىسىنى ئىككى يىل ساقلاشقا نەسىھەت قىلغان ھەمدە سىڭلىسىغا ياردەم قىلىشقا ئۇرۇنغان، كابىنېت بىلەن توختىماي سۆزلەشكەن، ھەتتا يەنە ئۆز قولى بىلەن خەت يېزىپ، سىڭلىسىنى مۇرادىغا يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن خان جەمەتى بىلەن ئىچكى كابېنتنىڭ پوزىتسىيىسى سەل بوشاپ قالغان. باش ۋەزىر بىر قىسىم ئەنگلىيە فېدېراتسىيە دۆلەتلىرىگە مۇتلەق مەخپىي تېلېگرامما يوللاپ، ئۇلاردىن مەلىكىنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان، پارلامېنت 1772-يىلى باشلانغان خان جەمەتىنىڭ تويى توغرىسىدىكى قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغان. لېكىن ئەنئەنىۋى تەشكىلات باشتىن-ئاخىر قوشۇلمىغان، ھەتتا ئۇلارغا تەھدىت سالغان.

ئاخىرىدا ئامما پىكرى بىلەن ئەنئەنىۋى تەشكىلاتنىڭ قوش بېسىمى ئاستىدا، ئاران تەستە كابىنېت بىلەن خان جەمەتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مارگارېت يەنىلا تىز پۈكۈشنى تاللىغان. 1955-يىلى 11-ئايدا، مارگارېت بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئاممىغا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ مۇھەببەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان، ئۇلار ئايرىلىپ كېتىپ ئۈچىنچى يىلى، توۋىنسېند بېلگىيەلىك بىر قىز بىلەن توي قىلغان. ئىككىنچى كۈنى، مارگارېت فوتوگراف ئانتونىينىڭ توي تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان، بىراق بۇ تويمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

تۇنجى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش ئازابى ئۇنى ھاراق-تاماكىغا خۇمار قىلىپ قويغان، بۇ يامان ئادىتى تويدىن كېيىنمۇ ئۆزگەرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ھەممە يەردە ئالاقە ئورنىتىپ ھاراق زىياپىتىگە قاتناشقان. 1976-يىلى مارگارېت يولدىشى بىلەن رەسمىي ئايرىلىپ تۇرغان، ئىككى يىلدىن كېيىن ئاجراشقان. ئەمەلىيەتتە توي ئىچىدىكى 1973-يىلى، مارگارېت ئۆزىدىن 17 ياش كىچىك رودىي روۋلىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى تاكى 1981-يىلىغىچە داۋاملاشقان، شۇنىڭدىن كېيىن مەلىكە ئاخىرقى ئۆمرىنى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆتكۈزگەن.

تۇنجى مۇھەببىتى ئاجرىشىپ كەتكەن ياساۋۇل، تۇنجى تويى ئاجرىشىش بىلەن ئاخىرلاشقان، ئاجراشقاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭگارەڭ ئۆتكۈزگەن مەلىكە مارگارېت، ئەنگلىيە خان جەمەتىدىكى ئەڭ «ئالاھىدە» ئەزاغا ئايلانغان، ئۇنىڭ دادىسىمۇ «قىزىنى ئەركە ئۆگىتىپ قويغان» دەپ ئەيىبلەنگەن. ھەتتا بەزىلەر ئۇنى ئەنگلىيە خان جەمەتىدىكى «چاتاقچى» دەپ قارىغان. 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان مارگارېتنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئەتىسى سەھەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاسىي مەلىكە مارگارېتنىڭ ئۆمۈرلۈك ئازابى-تۇنجى مۇھەببەت!

1953-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ھازىرقى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت IIگە تاج كىيدۈرۈلگەن كۈن بولۇپ، مۇراسىم ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن، ئېلزابېت IIمۇ ناھايىتى ھەشەمەتلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن.