ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىم كۇك: كەلگۈسىدە AR ئارقىلىق پاراڭلىشىش جەريانىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە ئىگە قىلىمىز

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 09:31

ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك ئادەتتە ئېلان قىلىنمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئىنتايىن ئاز تىلغا ئ‍الىدۇ. يېقىندا ئۇ «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى كارا سىۋىشېر (Kara Swisher)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئاپتوموبىل تەتقىقاتى جەھەتتىكى يۈزلىنىشىدىن ئازراق بىشارەت بەردى.

ئۇ كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسى توغرىسىدا توختالغاندا سىۋىشېرنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ، بۇ تېخنىكىنىڭ ئالمىنىڭ كەلگۈسىدىكى كەسپى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى پاراڭلىشىشنى تېخىمۇ يېڭىچە گۈزەل تۈسكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېما كوك مۇنداق دېدى: «ئىككىمىز ئۇلۇغ بىر تېما ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتىمىز، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر بىز سۈرەت ياكى باشقا ئالاھىدە نەرسىلەر ئارقىلىق ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبىتىمىزنى كۈچەيتسەك ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسى ساغلاملىق، مائارىپ، پارچە سېتىش ۋە ئويۇن ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ، كەلگۈسىدە كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ بۇ ساھەلەردە كۆپلەپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم، مېنىڭچە يانفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ».

كۆپ يىللاردىن بۇيان ئالمىنىڭ كۈچەيتىلگەن رېئاللىق دوبۇلغىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىپ كەلدى. يېقىندا تارقالغان بەزى خەۋەرلەردە يەنە ئالمىنىڭ بىر خىل نۇسخىدىكى ئارىلاشما رېئاللىق ئۈسكۈنىسىنى كېلەر يىلى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقى ئېيتىلدى. نۆۋەتتە كۈچەيتىلگەن رېئاللىق ئىقتىدارى بىر قىسىم iPhone ۋە iPad ئۈسكۈنىلىرىدە كۆرۈلدى. لېكىن بىر قىسىم قىزىقارلىق سۈزگۈچ ئېكراندىن باشقا ساھەلەردە كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسى تېخى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلمىدى.

تىم كۇك يەنە ئاپتوموبىل تەتقىقاتى توغرىسىدا ۋە ئالمىنىڭ مەھسۇلات ئېچىش ئۇسۇلى توغرىسىدا توختالدى. گەرچە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن خەۋەرلەر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئالما شىركىتىنىڭ زادى ئاپتوموبىل زاپچىسى تەتقىق قىلىدىغانلىقى ياكى ياساش ھوقوقىنى باشقا شىركەتلەرگە بېرىدىغانلىقى ياكى بولمىسا ئۆزى مۇستەقىل ئاپتوموبىل ياسايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىدى. ئەمما كۆكنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتى ئالمىنىڭ ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەردى. تىم كۇك مۇنداق دېدى: «بىز قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىشنى ياقتۇرىمىز، چۈنكى بۇ نوقتا ناھايىتى سىرلىق، بىز مۇشۇلارنى چۆرىدىگەن مۇھىم تېخنىكىلارغا ئىگە بولۇشنى نىشان قىلىمىز».



تىم كۇك يەنە شىركەتنىڭ ئۆزىگە خوجا بولۇشىنىڭ يادرولۇق تېخنىكا ئىكەنلىكىنى ھەمدە تەتقىق قىلىۋاتقان ھەر بىر تۈرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئەڭ ئاخىرىدا كونكرېت مەھسۇلاتقا ئايلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىم كۇك: كەلگۈسىدە AR ئارقىلىق پاراڭلىشىش جەريانىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە ئىگە قىلىمىز

ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك ئادەتتە ئېلان قىلىنمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئىنتايىن ئاز تىلغا ئ‍الىدۇ.