ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئوردېنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 09:35

«تايمىس گېزىتى»نىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ئوردېننىڭ سانى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ بولغان. يېقىنقى ئون يىلدا، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى جەمئىي 70 كىشىنىڭ ئوردېنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت ھازىرغىچە 186 كىشىنىڭ ئوردېنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ تىزىملىكتە جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ھوللىۋودنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى خاۋى ۋىنستانمۇ بار ئىكەن.

تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوردېنغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئوردېننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئىككىنجى چوڭ سەۋەب بولسا ئالدامچىلىق ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ئوردېن ئەمەلدىن قالدۇرۇش كومىتېتى ئوردېننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان، كومىتېتنىڭ تەكلىپى ۋە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئوردېن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئاندىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «كومىتېت تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، بەلكى رەسمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەكشۈرىدۇ ھەم دۆلەت ئوردېن تۈزۈمىگە خىلاپ ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ».

خەۋەردە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېيىلگەن: «2020-يىلى توققۇز كىشىنىڭ ئوردېنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى: ئۈچ كىشى جىنسىي جىنايەت سەۋەبىدىن، تۆت كىشى ئالدامچىلىق سەۋەبىدىن، بىر كىشى باجدىن قېچىش ۋە سۇغۇرتا ھەققى سەۋەبىدىن ئوردېنىدىن ئايرىلدى. يەنە بىر ئادەمنىڭ ئوردېنىنى بىكار قىلىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس».

中央广播电视总台 央广网 版权所有