كېنىيەدە ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 15 ئادەم قازا قىلدى
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ كېنىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، كېنىيە ساقچى دائىرىلىرى 7-ئاپرېل مەزكۇر دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 15 ئادەم قازا قىلىپ، ئون نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككى ئاپتوبۇس مالىندى-مومباسادىكى تاشيولدا سوقۇلۇپ كەتكەن. ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئىككى ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاپتوبۇسنىڭ چاقى ئېتىلىپ كېتىپ، شوپۇرنىڭ ئاپتوبۇسنى كونترول قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كۆرگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قازا قىلغانلار ئىچىدە يەنە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ساقچىلارمۇ بار ئىكەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ۋەقەدە يەنە ئاز دېگەندە 14 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بارلىق يارىدارلار مالىندى ناھىيەسىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىككى ئاپتوبۇسنىڭ شوپۇرى قازا قىلغان.