ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىزمۇ ساختا ئۆزىڭىز ئىچىدە ياشاۋاتامسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:17

ياخشى ئادەم بولماق تەس

سىز بىر ئۆمۈر ياخشى ئىش قىلىپ، تۇيۇقسىز بىر« يامان ئىش» قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ بىر ئۆمۈر قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلىرىڭىز يوققا چىقىدۇ، كۆپچىلىك سىزنىڭ بۇرنىڭىزنى نوقۇپ تۇرۇپ تىللايدۇ.

لېكىن، ئەگەر سىز بىر ئۆمۈر يامان ئىش قىلىپ ھەمدە تۇيۇقسىز ئىلھامىڭىز كېلىپ بىر «ياخشى ئىش» قىلسىڭىز، ئۇنداقتا ھەممە ئادەم سىزنى ماختايدۇ، ئىلگىرى سىزنى خاتا ئەيىبلەپ كەتتۇق، دەپ قارايدۇ.

ياخشى كىشىلەرنىڭ يەنىمۇ ياخشى بولۇشى مىڭلىغان-تۈمەن توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ياخشى ئادەملەرنىڭ «يامان» ئاتىلىشى ئۈچۈن پەقەت بىردەملىكلا ۋاقىت كېتىدۇ.



بۇ دۇنيانىڭ ياخشى ئادەمگە بولغان تەلىپى ھەقىقەتەن ئىنتايىن قاتتىق، ئەگەر باشقىلار سىزنى ياخشى ئادەم دەپ ئاتىسا، سىز چوقۇم نۇقسانسىز بولۇشىڭىز كېرەك، كۆپچىلىك بارلىق ئەخلاق كىشەنلىرىنى سىزگە تاقاپ قويىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەگەر سىز بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلمىسىڭىز، سىزنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭىز يوققا چىقىدۇ.

ھالبۇكى، بۇ دۇنيانىڭ يامان ئادەملەرگە بولغان تەلىپى ناھايىتى كەڭ قورساق بولۇپ، نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر، ئىلگىرىكى جىنايىتى مەيلى قانچىلىك ئېغىر بولسۇن، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە يامان يولدىن قايتىشقا تەييارلىق قىلسىلا، كۆپچىلىك چوقۇم ئۇنى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ياخشى ئادەم يول تاپسا تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ كېتىدۇ، يامان ئادەم يول تاپسا پەقەت بىرلا قېتىم ئويلايدۇ.

بۇ دۇنيادىكى ياخشى ئادەملەر، تۇغۇلۇشىدىنلا تېخىمۇ كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. يامان ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ ئازابى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈش.

كۆپلىگەن ئىنسان تەبىئىتىدە بىر خىل ئاساسىي خاسلىق بار: ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ياخشى ياشىشىدىن ئەنسىرەش. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئازابلىنىشى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي ياكى نامرات بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكرەك مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىدۇر.

شۇڭا، مۇنداق بىر ئاساسىي ئالاھىدىلىك بار، ئادەملەر ھەمىشە يۇقىرىدا تۇرۇۋالغان كىشىلەرنى ئاتتىن چۈشۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئارقىلىق پىسخىكا جەھەتتىن قانائەت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بۇ خىل تۇيغۇ ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىنمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ.



ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش پىسخىكىسى بار. بۇ بىر خىل تۇغۇلۇشىدىنلا پەيدا بولغان ئاڭ بولۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلار ئالاقزادىلىك ھېس قىلىپ، قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار چوڭ مېڭىسىدە بارلىق يىپ ئۇچلىرىنى توپلاپ، باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ تەلەي سىناش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەگەر ئۆزىدە ئوخشاش شارائىت بولسا، پەقەت ئۇلارنىڭكىدىنمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ.

چوڭ بولغاندىن كېيىن مۇنداق ئويلايمىز، خىزمەتدىشىمىز ئۆسسە رەھبەرگە خۇشامەت قىلىمىز، ساۋاقداشلىرىمىز ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، باشقىلارغا تاياندى دەپ ئويلايمىز. نۇرغۇن كىشىلەر جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلارنى ئەڭ ناچار ھالەتتە ئويلىغاندىلا ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ«مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق» ۋە «تۆۋەن قاتلامدا ياشاش»قا ئاساس تاپالايدۇ.

ئادەم دېگەن باشقىلارنىڭ ئاددىيلىقىنى ئىسپاتلاشقا رازىكى، ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقىغا يۈزلىنىشنى خالىمايدۇ. ھەممە ئادەم« مۇھەببەت» توغرىسىدا ئېغىز ئاچالايدۇ، لېكىن دۇنيادا«مۇھەببەت»نى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئادەم %1كىمۇ يەتمەيدۇ.

%99 ئادەمنىڭ« مۇھەببەت»كە بولغان چۈشەنچىسى خاتا: ئۇلار ھەمىشە شەرتسىز ھالدا بىر ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى «مۇھەببەت» دەپ قارايدۇ، قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىشنى خالايدۇ، بۇ بىر خىل ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدىكى قاراش بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا كەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ئىقتىساد قانچە تەرەققىي قىلسا، ئادەم شۇنچە مۇستەقىل بولىدۇ. ئادەم مۇستەقىللىققا قاراپ ماڭغان ھامان، ئۆزئارا قۇربان بېرىشكە ۋە بەدەل تۆلەشكە موھتاج بولمايدۇ، بۇ ئاللىقاچان ھېلىقى كىم كىم ئۈچۈن ئۆلسە بولىدىغان ياكى كىم ئۆزى ئۈچۈن ئۆلسە بولىدىغان دەۋر ئەمەس.



سىز ئالدى بىلەن مۇستەقىللىقنى، جۈملىدىن كىشىلىك قەدىر-قىممەت ۋە ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ئاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، يەنى سىز سېھرىي كۈچىڭىز ۋە ئىجتىمائىي قىممىتىڭىزنى نامايان قىلىشىڭىز كېرەك، سىز بۇنى قىلالىسىڭىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەم تەبىئىي ھالدا يېنىڭىزغا كېلىدۇ.

بۇ دۇنيادا ھېچكىم سىزنىڭ بەختىڭىزگە مەسئۇل بولالمايدۇ. ھەرگىزمۇ باشقا بىر ئادەمدىن بەختكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنماڭ، بىزدە چوقۇم ئۆزىمىزنى مۇكەممەل ھەم بەختلىك قىلىدىغان بىر خىل ئىقتىدار بولۇشى كېرەك.

مەيلى سىز كىم بىلەن بىللە بولۇڭ، مەيلى قانداق كەسىپنى تاللاڭ، ئەڭ ئاخىرىدا يۈزلىنىدىغىنىڭىز يەنىلا ئۆزىڭىز، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ قەيسەر بولغان ئۆزىڭىز. مۇھەببەتلىشىش شۇنداق، قېرىنداشلىق مېھرى شۇنداق ھەتتا كەسىپمۇ شۇنداق.

بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن ئىنتايىن رەھىمسىز، ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈش ئۈچۈن غايەت زور ئەقىل-پاراسەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە غايەت زور جاسارەت بولۇشى كېرەك، نۇرغۇن ئادەملەردە ئۇنداق يۇقىرى ئەقىل-پاراسەت ۋە جاسارەت بولمايدۇ، ھەقىقىي دۇنياغا يۈزلىنەلمەيدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك پەقەت ساختا كۆرۈنۈش ئىچىدىلا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ قوغلىشىۋاتقىنى ھەقىقەت بولماستىن، بەلكى ھەر خىل كەيپىياتلار ئارقىلىق تەسەللى بېرىش.

ئادەم ساختا كۆرۈنۈش ئىچىدە ياشىماسلىقى، ھەقىقىي ئۆزى بولۇپ، ئۈمىد ئىچىدە ياشىشى كېرەك. بىز كىشىلىك ھاياتتا ئۈمىد يوقلۇقىنى بايقىغان ھامان، ئاندىن ھەقىقىي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان بولىمىز.

ھاياتنىڭ مەنىسى ھەقىقىي ئەھۋالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بولماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنى يەنىلا قىزغىن سۆيۈش ۋە رېئاللىققا يۈزلىنىشتۇر.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىزمۇ ساختا ئۆزىڭىز ئىچىدە ياشاۋاتامسىز؟

ياخشى ئادەم بولماق تەس