ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەقىللىك كىشىلەرنىڭ سەككىز بىشارىتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 10:38

بەلكىم سىز بىر كەمتەر ئادەم بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئەقىللىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايسىز، ياكى سىز ئەزەلدىن ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان. ئەمما، بەزى يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تۇرمۇشتىكى بەزى ھەرىكەت ئادەتلىرىڭىزنىڭ ئىچىدىكى ھەتتا ناچار دەپ قارالغان ھەرىكەت ئادەتلەرمۇ، ئەكسىچە سىزنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ. سىز ئۇنداق دەپ قارىمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا سىزنىڭ ئەقىللىك ئىكەنلىكىڭىزنىڭ سەككىز بېشارىتى.



1. ياخشى بولغان ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى

پەن تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە بىلىش ئىقتىدارى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار، چۈنكى ياخشى بولغان ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان كىشىلەر دائىم ساغلام ئۇسۇل بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇلار ئۆزىنى كونترول قىلىپ سالامەتلىككە پايدىسىز ئىشلارنى قىلمايدۇ، ھەتتا ئۇلار ئادەمنى بەك قىزىقتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادشۇناس ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جامېس ھېكمان (James Heckman) قاتارلىقلار 2006-يىلىدىكى «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، ئۇلار ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيان ئىز قوغلاپ كېلىۋاتقان يېڭى زېلاندىيەدىكى نېدىن بالىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەندە زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن.



2. سىزنىڭ پەقەت قانچە دوستىڭىز بار؟

ئادەتتە ئەقىللىق كىشىلەر تېخىمۇ مۇستەقىل بولىدۇ، شۇڭا ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسى تېخىمۇ كىچىك، چۈنكى ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا باشقىلارغا بولغان بېقىنىشى تۆۋەن.



3. ھۆرمەت بىلەن ئاغرىنىشنى ئ‍ىپادىلەش

سىز بەزى ئاپپاراتلاردا مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغان ۋاقتىڭىزدا، بەلكىم بەزى نامۇۋاپىق قىلمىشلارغا ئۇچراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بىۋاسىتە ئاغرىنىش سىزنى يولسىزلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ قويىدۇ ھەمدە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز. شۇڭا مەسىلىنى ئەدەپلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، نارازىلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ، بۇ يۇقىرى ھېسسىيات بۆلۈنمىسىنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ ئىپادىسى.



4. سىز ئۆزىڭىزنى بەك ئەقىللىق دەپ قارىمامسىز؟

كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلىۋالىدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەر شۇنداق قىلىدۇ. لېكىن ئەقىل بۆلۈنمىسى بىر قەدەر يۇقىرى كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەن چاغلايدۇ، چۈنكى ئەقىل بۆلۈنمىسى بىر قەدەر يۇقىرى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ، شۇڭا چىن كۆڭلىدىن ئۆزىنى ناھايىتى ئەقىللىق ئادەم ئەمەس دەپ قارايدۇ.



5. سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە گەپ قىلامسىز؟

ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزىدى ئۆزىنى ئۈچىنچى شەخس (باشقا بىر كىشى) دەپ ئاتاش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىگە گەپ قىلىش پايدىلىقكەن، بۇ سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ياخشى تەپەككۇر قىلىشىڭىز ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە مەسىلىلەرگە كۆپ نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىسىز، بۇ بەلكىم سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىنمۇ ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.



6. سېغىز چايناش ئادىتى

بەزى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سېغىز چاينىغاندا دىققىتىمىز ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىز ئاشىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى قوزغىتىلىدۇ، لېكىن بۇ ئادەتنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش-بولماسلىقىغا قارىتا، ئەمەلىيەتتە مۇئەييەن تالاش-تارتىش مەۋجۇت.



7. يالغۇز تۇرۇشقا ئادەتلىنەلەيدىغان بولۇش

ئادەم ئىجتىمائىي ئالاقىگە مۇھتاج، شۇڭا كۆپ ساندىكى كىشىلەر يالغۇز قېلىشتىن قورقىدۇ، ئەمما ئەقىل بۆلۈنمىسى بىر قەدەر يۇقىرى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار يالغۇز ياشاش ئۇسۇلىغا ئادەتلەنگەن، چۈنكى ئۇلار گەرچە يالغۇز بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مەنىلىك ئۆتىدۇ. ئۇلار ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ كۈن تەرتىپىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىۋالغان، لېكىن ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قويمايدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ بىر نەچچىلا يېقىن دوستى بولىدۇ، نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئالاقە ھەرىكەتلىرى ئۇلار تەرىپىدىن ۋاقىتنى ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ.



8. تىرناق چىشلەش ئادىتى

ئاز ساندىكى ئەھۋال ئاستىدا، بىر ئادەم تەشۋىشلەنگەندە تىرنىقىنى چىشلىشى مۇمكىن. ئەمما، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تىرنىقىنى مەجبۇرىي چىشلەيدىغان ياكى چېچىنى تاتلايدىغان ئادەم مۇكەممەللىكنى قوغلاشقۇچىلار بولۇشى مۇمكىنكەن، بۇ ئ‍ۇسۇل ئۇلار زېرىكىش، تىت-تىت بولۇش ۋە نارازىلىقىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، ئىنتايىن مۇكەممەللىك خاھىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ بۇ خىل خاھىشقا ئىگە بولمىغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەقىللىك كىشىلەرنىڭ سەككىز بىشارىتى

بەلكىم سىز بىر كەمتەر ئادەم بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئەقىللىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايسىز،