ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يول باشلاش سىستېمىسى شوپۇرنى دەرياغا باشلىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 10:48

ئەنگلىيەنىڭ سالفورد (Salford)تىكى بىر تاكسى شوپۇرى ئاپتوموبىلدىكى ئايال يولۇچىنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىماي، يول باشلاش سىستېمىسىغا قاراپ ھەيدەپ ئاپتوموبىلنى دەريا قىنىغا ھەيدەپ كىرگەن. ھەيران قالارلىق يېرى، ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئايال يولۇچىدىن يەنىلا 29.31 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 264 يۈەن)لىق كىرا ھەققى ئالغان.

ئەنگلىيە «مېترو گېزىتى»نىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاپرېل كەچتە 30 ياشلىق ئېمما ئۆيىگە قايتىش يولىدا مەلۇم يۇمشاق دېتال ئارقىلىق بىر تاكسىنى چاقىرغان بولۇپ، يول يۈرۈش جەريانىدا ئۇ شوپۇرنىڭ يولدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنى يەنە ئالدىغا مېڭىۋەرسە بىر دەرياغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما شوپۇر ئۇنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلماستىن، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى بويىچە تاكسىنى ئۇدۇل بېرىجۋاتېر قانىلى (Bridgewater canal)غا ھەيدەپ كىرگەن. ئىككەيلەن ماشىنىدىن چىققاندىن كېيىن، شوپۇر ئېمماغا ئۇنىڭ قالغان مۇساپىنى چوقۇم ئۆزى بېسىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېمما ئۆزىدىن يەنىلا كىرا ھەققى ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان. ئېمما دەسلەپتە پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەن، تاكسى شىركىتى بۇ ئىشنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىغان. تاكى بۇ ئىش تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئېمما تاكسى شىركىتى بىلەن قايتا ئالاقىلاشقاندا ئۇلار ئاندىن پوچتا يوللانمىسى يوللاپ پۇلنى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يول باشلاش سىستېمىسى شوپۇرنى دەرياغا باشلىدى

ئەنگلىيەنىڭ سالفورد (Salford)تىكى بىر تاكسى شوپۇرى ئاپتوموبىلدىكى ئايال يولۇچىنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىماي، يول باشلاش سىستېمىسىغا قاراپ ھەيدەپ ئاپتوموبىلنى دەريا قىنىغا ھەيدەپ كىرگەن.