ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيەلىك بوۋاي باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزى قازا قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 10:50

24-ئاپرېل ئەنگلىيەدىكى بىر قۇتقۇزۇش خادىمى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، بىر بىمارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن ۋەقەگە ئۇچراپ بەختكە قارشى قازا قىلغان.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەتىگەن سائەت سەككىزدە A49 تاشيولىدا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شامال توسۇش ئەينىكىنى ئۇچۇپ كەلگەن بىر جىسىم چېقىۋەتكەن، ياردەمچى شوپۇرنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغان جېرېمى داۋ ھۇجۇمغا ئۇچراپ بەختكە قارشى قازا قىلغان، شوپۇرمۇ يارىلانغان.

تۈنۈگۈن سىمىدلاند قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى ئەترىتىدىكى خىزمەتداشلىرى 66 ياشلىق داۋغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن، چۈنكى ئۇ بۇلتۇر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن يەنىلا ئالدىنقى سەپكە قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشى مۇنداق دېگەن: «بۇ ئادەم ئىنتايىن ھۆرمەتلىنىدۇ ۋە سۆيۈلىدۇ، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇستازى. بۇ قېتىملىق ۋەقە بىر چوڭ يوقىتىش بولدى، بۇ جىسىم قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سوقۇلغاندا، خىزمەتچى خادىملار جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىۋاتاتتى. باشقا ماشىنىلار ئارىلىشىپ كەتمىدى. نەق مەيداندىكى سۈرەتلەر شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بەردى».

سىمىدلاند قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ بىر ئايال باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، گەرچە ھەربىر ئادەم ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىزمەتدىشىمىزنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالدى، ئۇ ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان بولغاچقا نەق مەيداندا قازا قىلدى. ئۇنىڭ خىزمەتدىشى، يەنى شوپۇر ۋەقەدە يارىلاندى، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ».

قۇتقۇزۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ئانتونى ماش مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق خەۋەر، بۇ مۈشكۈل پەيتتە مەن قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىدىن ھال سورايمەن ھەم ئۇلار ئۈچۈن سەمىمىي تىلەك تىلەيمەن».

تىراگېدىيە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى بەس-بەستە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا خەۋەر ئېلان قىلغان. بەزىلەر: «بۈگۈن بىزنىڭ بىر خىزمەتدىشىمىز خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى» دېگەن.

ساقچىلار بۇ ۋەقەنى كۆرگەن ياكى ئاپتوموبىلدىكى خاتىرىلەش ئەسۋابى ئارقىلىق بۇ ۋەقەنى خاتىرىلىگەن ھەرقانداق شوپۇردىن ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى تېپىشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنگلىيەلىك بوۋاي باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزى قازا قىلدى

24-ئاپرېل ئەنگلىيەدىكى بىر قۇتقۇزۇش خادىمى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، بىر بىمارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن ۋەقەگە ئۇچراپ بەختكە قارشى قازا قىلغان.