ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيەدە ئايروپىلان بېلەت باھاسى بىر ئىستاكان قەھۋەنىڭ باھاسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 08:53

ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن قىزىق لىنىيەلەرنىڭ بېلەت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، كۆپلىگەن قىزىق لىنىيەلەرنىڭ بېلىتىنى تېپىش تېخىمۇ تەس. قوشنا دۆلەت كورېيەدە ساياھەت بازارلىرى ئوخشاشلا جانلىنىشقا باشلىدى، بىراق تۆۋەن باھالىق ئايروپىلان بېلەتلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، سېئولدىن جىجۇ ئارىلىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى ھەتتا بىر ئىستاكان قەھۋەنىڭكى بىلەن ئوخشاش.

مۇخبىرنىڭ كورېيە دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيىسىدىكى بىر ئايرودۇرۇمدىن ئىگىلىشىچە، گەرچە خىزمەت كۈنى بولسىمۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشنى ساقلاۋاتقان يولۇچىلار يەنىلا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرىۋېتىپتۇ. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىنىڭ ئۈستىدىكى چوڭ ئېكراندا جىجۇ ئارىلىغا قاراپ ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئارىلىقى بەش مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە بولۇپ، زىچلىقى ئاممىۋى ئاپتۇبۇستىن قېلىشمايدىكەن. نۆۋەتتە كورېيەدە ئئىككى چوڭ تىپتىكى ۋە سەككىز ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ، باھا رىقابىتى قىزىپ كەتتى.



دېۋېي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بۈگۈن جىجۇ ئارىلىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلىش بېتىنىڭ كەسمە سۈرىتى، سائەت 17دىن 40تىن 18گىچە بولغان ئايروپىلان بېلىتى 3900 ۋون، تەخمىنەن 23 يۈەن بولۇپ، بىر ئىستاكان قەھۋە پۇلىغا باراۋەر. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يەنە بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ جىجۇ ئارىلىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى ئارانلا 16 يۈەن ئىدى.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە كورېيەنىڭ دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئېقىمى ئۈچ مىليون 560 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %193 ئاشقان. بۇ بىر جەھەتتىن كورېيە دۆلەت ئىچى ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشى، يەنە بىر جەھەتتىن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ كەسكىن باھا جېڭى. ھازىر ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىگە كىرىپ خالىغانچە ئىزدىسەك، تەخمىنەن 60-70 يۈەنلىك بېلەتنى ئاسانلا كۆرگىلى بولىدۇ، كورېيە خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتوبۇس، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يىراق ئارىلىققا سەپەرگە چىقىشتا ئالدىن تاللىنىدىغان بېلەت ئەمەس.

دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن باشقا، ھازىر كورېيەدە «قونمايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان» رىقابىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە. گەرچە بۇ خىل ئايروپىلان باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ يەنە كورېيەگە قايتىپ كەلسىمۇ، لېكىن «چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش»قا بولىدىغانلىقى، يەنە باج كەچۈرۈم قىلىنغان بۇيۇملارنى سېتىۋالالايدىغانلىقى ئۈچۈن، يېقىنقى مەزگىلدە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش نىسبىتى %73تىن ئېشىپ كەتتى، بېلەت باھاسىمۇ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 360 يۈەنگە چۈشتى.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە كورېيە ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يەنىلا كوللىكتىپ زور زىيان تارتىدۇ، ئەگەر خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيىسى ئەسلىگە كەلمىسە، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ پايدا ئېلىشى تەسكە توختايدۇ.

كەسپىي زاتلار مۇنداق دېدى: «ئايروپىلان ئىجارە ھەققى قاتارلىق نۇرغۇن مۇقىم تەننەرخ ئىزچىل چىقىم قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، گەرچە باھا ئۇرۇشى ئىنتايىن كەسكىن بولسىمۇ، لېكىن ھېچبولمىغاندا زىياننى ئازايتىش دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ، پەقەت بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ساقلاپ، مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالىسىلا، زىيان تارتىش ئۇچمىغاندىن ئەۋزەل».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كورېيەدە ئايروپىلان بېلەت باھاسى بىر ئىستاكان قەھۋەنىڭ باھاسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى

ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن قىزىق لىنىيەلەرنىڭ بېلەت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى،