ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توردا تونۇشقان 300 نەچچە كىلوگىراملىق قىز بىلەن توي قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 09:00

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 26-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن سىمون ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي يوركشىر ۋىلايىتىدىن بولۇپ، 10 يىل ئىلگىرى ئۇ تور ئويۇنى ئارقىلىق ئامېرىكا ئارىزونا ئىشتاتىدىن كەلگەن ئايال شاننون بىلەن تونۇشۇپ، قىسقىغىنا بىر نەچچە ئايدىن كېيىن توي قىلغان.

سىمون مۇنداق دېگەن: «ئايالىم شاننون دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئاياللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى بەدەن ئېغىرلىقى 335 كىلوگىرامغا يېتىدۇ». شاننون كارىۋاتتا مىدىرلىيالماي تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولغاچقا، سىمون ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقتىنى ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا سەرپ قىلىدىكەن. سىمون مۇنداق دېگەن: «شاننون مېنىڭ ياردىمىمگە موھتاج، ئۇ ھەممە نورمال ئادەم قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلالمايدۇ، شۇڭا مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى بولۇپ قالدىم، مەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خالايمەن».

خەۋەرلەرگە قارىغاندا شاننون بۇ يىل 6-ئايدا 40 ياشقا كىرىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، شاننون تۇغۇلغاندا ئانىسى ئۇنى دوختۇرخانىدا يالغۇز قالدۇرۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، شۇڭا شاننون كىچىكىدىن باشلاپ باشقا تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان، جۈملىدىن مومىسى، ھاممىسى قاتارلىقلار ئۇنى باققان.

ئۇ بەش ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، دادىسى ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭغا ئۆگەي ئانا تېپىپ بەرگەن، ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭ كۆپ يەپ-ئىچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاسما قۇلۇپ بىلەن توڭلاتقۇنى قۇلۇپلاپ قويغان، ئەمما شاننون ھەمىشە توڭلاتقۇنى ئېچىشقا ئامال تاپقان.

شۇنداق قىلىپ شاننون يەتتە ياشقا كىرگەندە بەدەن ئېغىرلىقى 45 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن، 13 ياشقا كىرگەندە بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 113 كىلوگىرام، 17 ياشقا كىرگەندە بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 204 كىلوگىرام بولغان، 29 ياشقا كىرگەندە كارىۋاتتا يېتىپ كومپيۇتېر بىلەن ئويۇن ئوينىغاندا سىمون بىلەن ئۇچراشقان.

سىمون مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تۇنجى تەسىراتىم: ئۇ بىر چىرايلىق ئايال، ئۇ كۈلۈمسىرىگەندە ئەڭ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ». بۇلتۇر شاننون ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان، ئۇ بىر ھەقىقىي ئورۇقلىتىش پروگراممىسىغا قاتناشقان، ئۇ پروگراممىدا مۇنداق دېگەن: «مەن تۇرمۇشۇمغا ئۆچ، چۈنكى مېنىڭ بەدەن شەكلىم بەك چوڭ، مەن ھېچنېمە قىلالمايمەن، مېنىڭ بىردىنبىر پائالىيىتىم سىمون مېنى ھاجەتخانىغا يۆلەپ كىرگۈزگەندە ھاجەت قىلىش، ئۇنىڭ ياردىمىدە تاماق يېيىش، مەن ئۇنىڭغا بەك تايىنىمەن، لېكىن بىزدە ئەزەلدىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مۇناسىۋىتى يوق، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەك ئادالەتسىزلىك».

ھازىر شاننوننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 18 كىلوگىرام ئازىيىپ، بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. سىمون مۇنداق دېگەن: «ئۇ ناھايىتى ياخشى قىلدى، ئۇ ھازىر ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم چېنىقىش ئۆيىگە بارىدۇ».

بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئەر-ئايالنىڭ زادى قانداق قىلىپ بىر يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. تورداشلار مۇنداق دېگەن: «چۈنكى ئۇلاردا مەيلى ياش ياكى سىرتقى قىياپەت جەھەتتە بولسۇن ناھايىتى چوڭ پەرق بار، يەنە كېلىپ سىمون ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ يەنە شاننوننىڭ بارلىق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ئەمما ئۇ ئىزچىل ۋاز كەچمىگەن، بۇ بەلكىم ھەقىقىي مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن، شاننوننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى، ئىككىسىنىڭ كەلگۈسىدە خۇشال-خۇرام، بەختلىك ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توردا تونۇشقان 300 نەچچە كىلوگىراملىق قىز بىلەن توي قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 26-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن سىمون ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي يوركشىر ۋىلايىتىدىن بولۇپ، 10 يىل ئىلگىرى ئۇ تور ئويۇنى ئارقىلىق ئامېرىكا ئارىزونا ئىشتاتىدىن كەلگەن ئايال شاننون بىلەن تونۇشۇپ، قىسقىغىنا بىر نەچچە ئايدىن كېيىن توي قىلغان.