ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيە چىرايىنى كۆرگىلى بولىدىغان سۈزۈك ماسكا چىقاردى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 10:12

«ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ماسكا شىركىتى 27-ئاپرېل بىر خىل ئالاھىدە ماسكىنى سېتىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل ماسكىنىڭ بىر قىسمىغا سۈزۈك ماتېرىيال ئىشلىتىلىپ كىشىلەرنى تاقىۋالغۇچىنىڭ چىراي ئىپادىسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ماسكا ئاڭلاش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئويلىشىلغان بولۇپ، ئۇلار ماسكا تاقىۋالغۇچىلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ مەزمۇنىنى چۈشىنەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بەزى مېھمان كۈتۈۋېلىش سورۇنلىرىدا ئادەتتىكى ماسكىلار چىراينى توسۇۋالغانلىقتىن، مېھمانلار مۇلازىمەتچىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرەلمەيدۇ. بۇ ماسكىنىڭ باھاسى 1480 ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 88 يۈەن) بولۇپ، يۇيغاندىن كېيىن تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有