ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىلىقلار 70 ياشقا كىرگۈچە ئىشلەپمۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى قەرزنى قايتۇرۇپ بولالمىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-11 16:53

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىندا «ئامېرىكىدىكى ياشانغانلار ئۆلۈشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلغان قەرز پۇلىنى قايتۇرۇپ بولۇشتىن ۋاز كەچتى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، 50 ياشتىن ئاشقان 8 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئالغان ئوقۇغۇچىلار قەرزىنى يەنىلا قايتۇرالمىغان. بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن داۋىد 40 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 175 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 1 مىليون 130 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا 236 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 1 مىليون 520 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولالمىغان. ئۇ: «مەن 1981- يىلى تولۇق كۇرس مەكتىپىگە كىرگەندە، بانكىدىن 7500 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 48 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قەرز ئالغان ئىدىم، لېكىن مەن قانۇن شۆيۈەنىنى پۈتكۈزۈپ ئادۋوكات بولۇشقا بەل باغلىغان چېغىمدا، قەرز پۇلۇم 79 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 510 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)غا يەتتى، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مەن بەزى ئايلاردا قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۆسۈمى بۇنچە يۇقىرى بولۇپ كېتەر دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان» دېدى.

داۋىد دەسلەپتە بىر پاراۋانلىق ئادۋوكاتى بولۇپ، يوقسۇللارنى ئاقلاشقا بەل باغلىغان بولغاچقا بۇ خىزمەتنىڭ مائاشى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى، ھەتتا تۇرمۇشىنى قامدىيالمايتتى. شۇڭا ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا ئاشخانىدا خىزمەت قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، لېكىن ئۇنىڭ قەرز قايتۇرالىشى تەسكە توختىغاچقا، كېيىن ئۇ پاراۋانلىقى ئادۋوكاتى بولۇش ئارزۇسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، يېمەك ـ ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، ھەر ئايدا قەرز قايتۇرالايدىغان بولغان. لېكىن ئۇ ئىلگىرى بىر مەزگىل قەرز پۇلىنى نېسى قالدۇرغانلىقتىن، ئۆسۈمى ئۈزلۈكسىز يىغىلىپ قالغان بولۇپ، ھازىر ئۇ پەقەت توختىماي ئىشلەپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ ھەم قەرزىنى قايتۇرىدۇ. ئۇ يەنە: «مېنىڭ ھازىرقى كىرىمىم تۇرمۇشنى قامداشقا يېتىدۇ، لېكىن قەرز قايتۇرۇشقا يەتمەيدۇ، مەن ھازىر قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى پەقەتلا بىلمىدىم» دېگەن.

ماقالىدە ئامېرىكا پېنسىيونېرلار جەمئىيىتىنىڭ 3-ئايدا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىدىكى 8 مىليون 400 مىڭ ياش ۋە 50 ياشتىن ئاشقان قەرز ئالغۇچىنىڭ قولىدىكى قەرز، ئومۇمىي قەرىز سوممىسىنىڭ %22، يەنى 336 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 2 مىليارد 160 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ھەر يىلى بانكىنىڭ قەرزداردىن ئالىدىغان ئۆسۈمى %10 كە يېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن قەرزدارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن.

ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ئېلزابېت ۋورن (Elizabethh Warren) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدا 20 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان 6 مىليون 300 مىڭ قەرز ئالغۇچى ئوقۇغۇچىلار قەرز پۇلىنى تېخى قايتۇرۇپ بولالمىدى، 65 ياشتىن ئاشقان بىر مىليونغا يېقىن كىشىلەر ھازىرمۇ ئوقۇغۇچىلار قەرزىنى قايتۇرۇۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار قەرزى بولسا ياشانغانلارنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

داۋىد : «مەن كۆپ قېتىم ئوقۇغۇچىلار قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇردۇم، لېكىن مەن قايتۇرىدىغان قەرز قار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى، مېنىڭ ئەمدى قەرزنى قايتۇرغۇم يوق، ھەتتا مەن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى قەرزنى قايتۇرالمايدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن» دېدى. ھازىر ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىك كىشىلەر ئىچىدىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولماقتا.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، 70 ياشقا كىرگەن لىندا ناۋارو (Linda Navarro) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1990-يىلى 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 129 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)لىق ئوقۇغۇچىلار قەرزىنى ئىلتىماس قىلىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئىشلەتكەن، كىيىن خىزمەت قىلىپ 212 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 1 مىليون 363 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) نى قايتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا بانكىغا 145 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 240 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قەرز بولۇپ قالغان. لىندا ناۋارو: «ئوقۇغۇچىلار قەرزى ئالغاندىن كېيىن، مېنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىم قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن بولدى، مەن خۇددى بىر ئامبار چاشقىنىغا ئوخشاش توختىماي ئىشلەيمەن، توختاشقا ئامالسىزمەن» دېدى.

ماقالىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشتىن بۇرۇن لىندا ناۋارو دېڭىز ئارمىيەسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، لېكىن «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»گە ئاساسەن، ئۆسۈمنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. مەكتەپتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ كىرىمى قەرز قايتۇرۇشقا يەتمىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالغان، ھەتتا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى داۋاملىق تاماملاشقا ئامالسىز قالغان. لىندا ناۋارو مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە مەن ئۆز ئىقتىدارىم ئارقىلىق ھەر ئايدا قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا ئۇرۇندۇم، لېكىن ھېساباتىمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ مەن بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم، كېيىن قەرىزنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن مائاشىممۇ تۇتۇپ قېلىندى، مەن ھازىر قوزغىتىش تىپىدىكى قەرز قايتۇرۇش پىلانىغا قاتناشتىم، بۇ پىلان مېنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمىمگە ئاساسەن ھەر ئايلىق قەرز قايتۇرۇش سوممىسىنى بېكىتىدۇ. مەن پەقەت ئۆلسەملا ئاندىن قەرز قايتۇرۇش ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇشۇم مۇمكىن. بىراق خۇش خەۋەر شۇكى، مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر پەقەت مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمنى ئىسپاتلىيالىسىلا، قەرزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقاپ كېتىدۇ، بانكا مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنى ئىزدىمەيدۇ، شۇڭا ئۆلۈم بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قۇتۇلۇش بولۇشى مۇمكىن».


ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ھازىر بىزدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر لايىھە بار، ئۇ بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز پۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، زۇڭتۇڭ بايدېن ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ئارقىلىق بۇ لايىھەنى تاماملىسا بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىش.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئوبامامۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىا ئوقۇغۇچىلا قەرز پۇلى ئالغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوباما سىياسىي سەھنىدە زور شۆھرەت قازاندى، مائاشىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى، لېكىن ئۇ يەنىلا 21 يىل سەرپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلار قەرزىنى قايتۇرۇپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئوباما ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇناسىپ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان تۈرلەرنى تەسىس قىلىپ، ياشلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتەلمىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىلىقلار 70 ياشقا كىرگۈچە ئىشلەپمۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى قەرزنى قايتۇرۇپ بولالمىدى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىندا «ئامېرىكىدىكى ياشانغانلار ئۆلۈشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلغان قەرز پۇلىنى قايتۇرۇپ بولۇشتىن ۋاز كەچتى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغان.