ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ساھىبجامال ئەيدىز بىمارى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-11 16:57

 

مەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، مەن ئادەتتىكى خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئۇچرىشاتتىم، مەن ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى خاتىرىلەپ، كۆپچىلىككە تېخىمۇ كۆپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، بىمارلارنى قوغداش ئۈچۈن، ماقالىدىكى بارلىق ئىسىملارنىڭ ھەممىسى يالغان ئىسىملاردۇر.
مەن ئۇچراشقان ئەيدىز بىمارلىرى ئىچىدە شياۋفاڭ مېنى ھەممىدىن بەك ئېچىندۇرىدۇ. ئۇ ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تېخى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، ئۇنىڭ ئىستىقبالى، ھاياتى ئەسلىدە گۈزەل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلاتتى، بىراق ساۋاقداشلىرىنىڭ نەزىرىدە سىنىپ گۈزىلى بولغان بۇ قىزنىڭ چۈشكۈنلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپلا قالماي، يەنە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرسۇن.
ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى تىلغا ئالغاندا، شياۋفاڭ دىرىلداپ تىترەپ كەتتى ۋە قولى بىلەن بېشىنى قۇچاقلاپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

مەن شياۋفاڭ بىلەن يېرىم ئاي ئىلگىرى تونۇشقان، ئۇ مەن بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرى ئىچى سۈرۈپ قىزىپ دوختۇرخانىغا بارغان ئىكەن، دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن ئىلگىرى ئۇ نۇرغۇن دورا يېگەن بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالى ئىزچىل ياخشىلانمىغان، شۇنىڭ بىلەن باشقا دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغان لېكىن ئەينى چاغدا دوختۇر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەي، پەقەت شياۋفاڭغا: «سىز جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قاپسىز، ئازراق دورا يېسىڭىزلا ساقىيىپ كېتىسىز» دېگەن.
لېكىن بۇ قېتىمقى «جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى»غا قارىتا داۋالاش توپتوغرا ئون كۈن داۋاملاشقان بولسىمۇ ياخشىلىنىش بولمىغان. كېيىن ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلگەندە، مەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق شياۋفاڭنىڭ ئىچى سۈرۈپ قىزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش جىنايەتچىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.

ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان بۇ 22 ياشلىق ساھىبجامال ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قانداق بولۇپ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندۇ؟

يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىش ئارقىلىق، ئەسلىدە شياۋفاڭنىڭ ئەسلى بىر زەھەر چەككۈچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تۆت يىلغا سوزۇلغان زەھەر چېكىش تارىخى بارلىقىنى بىلدىم، شياۋفاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئ‍ۇنىڭ ناھايىتى گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قوغلىشىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، لېكىن شياۋفاڭ بىرىنىمۇ ياراتمىغان، بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە شياۋفاڭ ئېگىز، كېلىشكەن ھەم ناھايىتى باي بىر ئوغۇل بالا بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئىككىيلەن ناھايىتى تېزلا ئاشىق-مەشۇقلار مۇناسىۋىتىگە تەرەققىي قىلغان.
ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتى بار بولۇپ، فارادى ماركىلىق مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدىكەن. شياۋفاڭ ئۆزىنىڭ پۇلغا چوقۇنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدى، بۇ باي ئوغۇل دوست ئۇنىڭغا تۇنجى LV سومكىسىنى سوۋغا قىلغاندا، ئۇ مۇھەببەتكە پۈتۈنلەي ئۆزى ئاتىۋەتكەن ئىكەن. مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، ئوغۇل دوستى شياۋفاڭغا بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى سوۋغا قىلغان، ھەمدە دائىم مەكتەپ ھويلىسىدا ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈپ، شياۋفاڭنى كۆپچىلىك ھەۋەس قىلىدىغان چولپانغا ئايلاندۇرغان.


لېكىن بارلىق گۈزەل چۈشلەر ناھايىتى تېزلا چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەن.
شياۋفاڭ نەزىرىدىكى مۇكەممەل ئوغۇل دوستىنىڭ ئەمەلىيەتتە سېپى ئۆزىدىن زەھەر چەككۈچى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئۇ دائىم شياۋفاڭنىڭ ئالدىدا زەھەر چەككەن، شياۋفاڭ ئوغۇل دوستىنىڭ زەھەر چەككۈچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتمىغان، ئەكسىچە ئۇزاق مۇددەت ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەن، نەتىجىدە ئۆزىمۇ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىپ، بۇنىڭ بىلەن ھەممە نەرسە تۇيۇق يولغا قاراپ تەرەققىي قىلغان.
بىر يىل ئىلگىرى ئوغۇل دوستىنىڭ شىركىتى ۋەيران بولۇپ، زەھەر چەككەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، ئۇ ئوغۇل دوستى بىلەن مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇلغان، ھازىر زەھەر تاشلىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان شياۋفاڭ قايتىدىن ئادەم بولماقچى بولغان، نەتىجىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان.
شياۋفاڭنىڭ گېپىنى قىلغانسېرى كەيپىياتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: «پۇلغا چوقۇنۇپ بارلىقىمنى نابۇت قىلدىم، مەن ھازىر ئادەم دېسە ئادەم ئەمەس، ئاجايىپ بىر نەرسىگە ئوخشاپ قالدىم، مەن ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ ھەۋىسى كېلىدىغان ئادەم ئىدىم، لېكىن ھازىر مەكتەپتىن ھەيدەلدىم، ئۇزۇن مەزگىل زەھەر چەككەنلىكتىن ئوتتۇرا ياشلىق ئايالغا ئوخشاپ قالدىم، ھازىر يەنە مۇشۇنداق ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم، مەن بۇنداق ياشىغاندىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك» دېدى.

مەن سەۋرچانلىق بىلەن شياۋفاڭغا تەسەللىي بېرىپ: «بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئەيدىز كېسىلى داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەل ئەمەس، پەقەت دورىنى داۋاملىق ئىچىپ، ۋىرۇسنى ياخشى كونترول قىلسىڭىزلا، نورمال ئادەمدەك ياشىيالايسىز» دېدىم.
شياۋفاڭنىڭ ھېكايىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن شياۋفاڭغا ئوخشاش ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نۇرغۇن قېتىم داۋالىغان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىز كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بۇ جەمئىيەتتە، ئاتا-ئانىسىنىڭ نازارىتىدىن يىراقلاشقان، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كەمچىل، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك كىشىلەر توپى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل تۈردە ئەيدىز كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى بولۇپ كەلگەن. كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىشىنى، ئەيدىز كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ساھىبجامال ئەيدىز بىمارى

مەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، مەن ئادەتتىكى خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئۇچرىشاتتىم،