ئەنگلىيە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى چەكلەيدۇ
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى 12-ماي ئېلان قىلغان «تارىخىي خاراكتېرلىك» يېڭى قانۇنغا ئاساسەن، بالىلارنى تورنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قالالمىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرى تاقىۋېتىلىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيەنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، مەدەنىيەت، تاراتقۇ ۋە تەنتەربىيە ۋەزىرى ئولىۋېر داۋدىن (Oliver Dowden) ئەنگىلىيە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار قانۇنسىز ۋە زىيانلىق مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتەلمىسە، ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
داۋدىن مۇنداق دېدى: «بۇ پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 13 مىليارد فوند ستېرلىڭ (تەخمىنەن 118 مىليارد 71 مىليون 200 مىڭ يۈەن) جەرىمانە قويۇلۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تور بېكەتلىرىنى ئەنگلىيە ئابونتلىرىغا ئېچىۋېتىشى مەنئى قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ بالىلارنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئەڭ قاتتىق تەدبىر».
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك قانۇن چىقىرىش دۇنيادىكى تۇنجى بۇ تۈردىكى قانۇن چىقىرىش بولۇپ، ئەنگلىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر تور دۆلىتى قىلىشنى مەقسەت قىلغان. داۋدىننىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئەڭ ئاخىرىدا ئالاقە تورىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش، ئاياللاردىن بىزار بولۇش ۋە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدىكەن.