ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالتۇن باھاسى داۋاملىق چۈشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-13 16:13

ئالتۇن قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 12-ماي چارشەنبە بازار يېپىلغاندا (بېيجىڭ ۋاقتى 13-ماي سەھەردە) چۈشتى. ئامېرىكا CPI سانلىق مەلۇماتى 13 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم قىلدى.

Altavestنىڭ دائىملىق شېرىكى مايكول ئارمبرۇستېر (Michael Armbruster): «قىزىپ كەتكەن CPI سانلىق مەلۇماتى ئۇزۇن قەرەللىك زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئالتۇننى ئۆسۈشكە ئالغۇچىلارنىڭ يېقىنقى قىيىنچىلىقىنى قاتمۇقات قىلىۋەتتى. بىزنىڭچە، ھازىردىن باشلاپ ئالدۇن نۇرغۇن بىۋاسىتە چۈشۈش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ» دېدى.


ئامېرىكا ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا %0.8 ئۆسۈپ، 2009-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق ئېشىش نىسبىتى ياراتتى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئۆسۈپ، 2008-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتى ياراتتى.

CPI سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 10 يىللىق قەرەلدىكى زايوم پايدا نىسبىتى ئۆستى ھەمدە %1.67كە قىستاپ كەلدى، ICE ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى %0.6 ئۆستى.

نيۇيورك تاۋار بىرژىسىدا 6-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان ئالتۇن قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 13.30 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %0.7 بولدى، ھەر ئۇنسىيەسى 1822.80 ئامېرىكا دوللىرىدا بازار يېپىلدى.

7-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان كۈمۈش قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 42 سېنت چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %1.5 بولدى، ھەر ئۇنسىيەسى 27.24 ئامېرىكا دوللىرىدا بازار يېپىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالتۇن باھاسى داۋاملىق چۈشتى

ئامېرىكا ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا %0.8 ئۆسۈپ، 2009-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق ئېشىش نىسبىتى ياراتتى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئۆسۈپ، 2008-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتى ياراتتى.