ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ھاراق ئىچسىلا توختىماي سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-13 16:16

ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كىشىلەردە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بەزىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن توختىماي كوتۇلدايدىغان بولۇپ، ھەتتا كوتۇلداپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتىدۇ، ئەمما بەزىلەر بولسا گاراڭ ھالەتتە بېشىنى بىر قويسىلا ئۇخلايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەجەبا بۇ راستتىنلا ھاراق كۆتۈرۈشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى ئىنكاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئىسپىرتنىڭ تەسىرىدىندۇر. ئىسپىرت ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىسپىرتنىڭ تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول توختىماستىن ئۆزگىرىپ، ئاستا-ئاستا ئېتىل ئالدېھىدقا ئايلىنىدۇ. ئېتىل ئالدېھىد ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى، تىلى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىسپىرت ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، مېڭىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئىسپىرتنىڭ مېڭىگە يېتىپ بېرىشىغا پەقەت 30 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ. ھەم مىڭىنى داۋاملىق غىدىقلايدۇ. ئىسپىرتتىكى ئېتىل ئالكوھول سەزگۈر قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكىپ، نېرۋىلارنى زەخىملەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىگە تەسىر قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بەزى كىشىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كۆڭلىدە نېمە ئويلىسا شۇنى دەۋاتىدۇ.

ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدە ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپىرت قويۇقلۇقىنىڭ پەرقىگە مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن قاندىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى مەلۇم مىقداردىن ئېشىپ كەتكەندە، باش قېيىش، يۈزى قىزىرىش ياكى دەلدەڭشىپ جىم تۇرالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۆزلەش ئارزۇسىنى قوزغايدۇ. داۋاملىق ھاراق ئىچكەندە، ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى تېخىمۇ ئېشىپ، ئادەتتىكى ھەرىكەتكە خىلاپ ئىشلارنى قىلىدۇ،

ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ۋاقتىنچە ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمەيدۇ، پەقەت قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى مەلۇم مىقداردىن ئېشىپ كەتسە، ھاراق ئىچكەنلەرنىڭ تونۇش-بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، مۈگدەش كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ھاراق ئىچىشنى توختاتماي، بەدەندىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى داۋاملىق ئۆرلەپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئامال بار ھاراق ئىچمەسلىك، ئىچىشكە توغرا كەلسىمۇ مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ھاراق ئىچسىلا توختىماي سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؟

ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كىشىلەردە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بەزىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن توختىماي كوتۇلدايدىغان بولۇپ، ھەتتا كوتۇلداپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتىدۇ،