ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14 ياشلىق بالا 13 ياشلىق قىزنى ئۆلتۈرۋەتتى، ساقچى ئاپتوموبىلىدا چۈشكەن سۈرىتى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-13 16:23

ئامېرىكا WTLV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى 14 ياشلىق ئۆسمۈر ئېيدىن فۇچى (Aiden Fucci) سىت جانس ناھىيەسى (St. Johns County)دىكى 13 ياشلىق قىز چۈرىستىن بېيلېي (Tristyn Bailey)نى ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن، بۇ جىنايەت گۇماندارى تارتقان بىر پارچە سۈرەت ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا تارقالغان.

سۈرەتتە فۇچى ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان بولۇپ، V شەكىللىك قول ئىشارىسىنى قىلىپ سۈرەتكە چۈشكەن، سۈرەتكە: «ھەي بۇرادەرلەر، يېقىندا چۈرىستىننى كۆردىڭلارمۇ؟» دېگەن خەت يېزىلغان.

بىر يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم تاراتقۇلارغا بۇ سۈرەتنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ سۈرەت ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. سۈرەتنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى تەنقىدلىدى.

يەكشەنبە كۈنى چۈرىستىننىڭ جەسىتى شۇ يەردىكى بىر ئورمانلىقتا بايقالدى. يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بىرسى ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى دوكلات قىلغان، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنى تاڭ سەھەر سائەت بىردىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە كۆرگەن. سىت جانس ناھىيىلىك ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلۈش سەۋەبى قاتىل چۈرىستىنغا كۆپ قېتىم پىچاق تىققان.

فۇچى بىلەن چۈرىستىن مەكتەپداش، دوست-ئاغىنە مۇناسىۋىتىدە، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت مۇناسىۋىتى يوق.

ساقچى باشلىقى روب خاردۋىك (Rob Hardwick) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇنىڭ بىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. فۇچى تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشنى رەت قىلدى، ھەم ساقچىلار بىلەن پاراڭلاشمىدى، ئەمما بۇ بىزنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈپ، يىپ ئۇچىنى ئىز قوغلىشىمىزنى توسالمىدى».

بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك باشقا كىشىلەرنىڭ ئەرز قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا كەلسەك، ساقچى باشلىقى بۇ خىل ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدى، لېكىن فۇچنىڭلا توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. روب خاردۋىك: «ھەممىمىز بىلىمىز، بۇ چېكىدىن ئاشقان جىنايەت. 14 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا 13 ياشلىق بىر قىزنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. شۇڭا بىزنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمىتىمىز بار» دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14 ياشلىق بالا 13 ياشلىق قىزنى ئۆلتۈرۋەتتى، ساقچى ئاپتوموبىلىدا چۈشكەن سۈرىتى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

ئامېرىكا WTLV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى 14 ياشلىق ئۆسمۈر ئېيدىن فۇچى (Aiden Fucci) سىت جانس ناھىيەسى (St. Johns County)دىكى 13 ياشلىق قىز چۈرىستىن بېيلېي (Tristyn Bailey)نى ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن،