ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەمدى بالىلىرى ئۈچۈن «ۋاكالىتەن تونۇشۇش» مودا بولدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-02 10:30

ياپونىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيەدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ياردەملىشىپ «ۋاكالىتەن تونۇشۇش»قا چىقىشنى باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا يوكوخاماشى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق «ۋاكالىتەن تونۇشۇش» پائالىيىتىدە ئاتا-ئانىلار قوللىرىدا پەرزەنتلەرنىڭ يېشى، بوي ئېگىزلىكى، قىزىقىشى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلار يېزىلغان A3 قەغىزىنى كۆتۈرۈۋېلىپ «ۋاكالىتەن تونۇشۇش»قا قاتناشقان. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىسا بالىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرىدىكەن، شۇنداقلا ئارقىدىن بالىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قارشى تەرەپ بىلەن رەسمىي كۆرۈشۈش-كۆرۈشمەسلىكنى قارار قىلىدىكەن.

بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن ساساكى ئەپەندى 33 ياشلىق مەمۇر ئوغلىغا لايىق تېپىش ئۈچۈن شۇ يەردىكى «ۋاكالىتەن تونۇشۇش» پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئۇ بۇ ھەقتە: «توردا گەرچە ھەر خىل قىز-يىگىتلەرنى تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بار بولسىمۇ، لېكىن تۈزۈك ھەقىقىي ئۇچۇرنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئادەمگە بەك ساختىدەكلا تەسىر بىرىدۇ. لېكىن نەق مەيداندا قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسا ناھايىتى خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدىكەن» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، «ۋاكالىتەن تونۇشۇش» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغانلار ياپونىيەدىكى «مېھرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتى» نامىدىكى بىر تەشكىلات بولۇپ، 2005-يىلى 10-ئايدا مەزكۇر تەشكىلات 1-قېتىملىق «ۋاكالىتەن تونۇشۇش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بۇ پائالىيەتنى ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كېڭەيتىشنى باشلىغان ھەمدە ھازىرغىچە 500 قېتىمدىن ئارتۇق «ۋاكالىتەن تونۇشۇش» پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئادەم 40 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى «ۋاكالىتەن تونۇشۇش»قا چىققان يىگىتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 38 ياش، قىزلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 33 ياش بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ۋاكالىتەن تونۇشۇش»نىڭ پەيدا بولۇش ۋە تىز سۈرئەتتە كېڭىيىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ياپونىيە ياشلىرى ئارىسىدىكى توي قىلماسلىق ۋە كېچىكىپ توي قىلىش يۈزلىنىشى ئىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1985-يىلى ياپونىيەدىكى توي قىلمىغان ئەر-ئاياللارنىڭ نىسبىتى %5كە يەتمەيدىغان بولۇپ، ئەمما 2015-يىلىغا كەلگەندە ئەرلەرنىڭ توي قىلماسلىق نىسبىتى %23.37كە، ئاياللارنىڭ بولسا %14.06كە يەتكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەمدى بالىلىرى ئۈچۈن «ۋاكالىتەن تونۇشۇش» مودا بولدى

ياپونىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيەدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ياردەملىشىپ «ۋاكالىتەن تونۇشۇش»قا چىقىشنى باشلىغان.