ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گېرمانىيە نوپۇسى ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنپىي ئاشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-13 15:12

گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئەڭ يېڭى نوپۇس سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە گېرمانىيە چېگراسى ئىچىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 83 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 12 مىڭ ئادەم تۆۋەنلىگەن، بۇ گېرمانىيەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس سانىنىڭ 2011-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنپىي ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە گېرمانىيەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس ئىزچىل ئېشىش ھالىتىدە تۇرغان، ئومۇمىي نوپۇستىن 2 مىليون 900 مىڭى كۆپەيگەن. لېكىن بۇلتۇر ساپ كۆچمەنلەرنىڭ نوپۇسى ئازىيىپ، ئۆلۈپ كەتكەن نوپۇس بىلەن تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ پەرق نىسبىتى ئېشىپ، نوپۇسنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم خەلقئارا خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويغان، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەلگەن چەتئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان دۆلەت دەل گېرمانىيە. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، كۆچمەنلەرنى ئىزچىل قوبۇل قىلىش گېرمانىيەنىڭ ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەن. گېرمانىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە گىرېتسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ئىشچى قوبۇل قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، نۇرغۇن چەتئەللىك ئەمگەكچىلەرنى كىرگۈزگەن.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە گېرمانىيەدە جەمئىي 21 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ «كۆچمەنلەر ئارقا كۆرۈنۈشى» بار (بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليون 900 مىڭ كىشىنىڭ گېرمانىيە پاسپورتى بار). نىسبەتلەشتۈرۈپ كەلگەندە، بۇ توپنىڭ ئادەم سانى گېرمانىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. نۇرغۇن ساھەلەر، مەسىلەن داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ سىجىل ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، 2035-يىلىغا بارغاندا گېرمانىيەدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى يەنىلا 4 مىليوندىن 6 مىليونغىچە ئازىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ئەھۋال گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر گېرمانىيە «تېخنىك ئىشچى كۆچمەنلەر قانۇنى»نى ئېلان قىلىپ، تېخنىكا بىلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى سالاھىيىتىگە بولغان چەكلىمىنى ئومۇميۈزلۈك بوشاتتى. بۇنداق بولغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن كەسپىي خادىملار گېرمانىيەدىكى ئەمگەك كۈچى بازىرىغا تېخىمۇ ئاسان كىرەلەيدۇ، ئەمما يۇقۇم بۇ جەريانغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.


گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە سىڭىپ كىرىش ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىمى ۋىدمان مائۇس مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر گېرمانىيەدە يېڭىدىن كۆپەيگەن تېخنىك ئىشچىلار ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئىشچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن %25 تۆۋەنلىدى، ھازىر گېرمانىيەنىڭ تېخنىك ئىشچىلار ئىش ئورنىدا تەخمىنەن 270 مىڭ بوش ئورۇن بار».


كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، بولۇپمۇ 2015-يىلى ياۋروپا مۇساپىرلار كىرىزىسى پارتلاپ، مىليونلىغان مۇساپىرلار گېرمانىيەگە كىرىپ، گېرمانىيەنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى بولغان ئىتتىپاق پارتىيەسى يېقىندا ئېلان قىلغان «9-ئايلىق فېدېراتسىيە سايلام رىقابىتى پىروگراممىسى»دا كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى مۇھىم قارالما قىلىپ، كۆچمەنلەرنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گېرمانىيە نوپۇسى ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنپىي ئاشتى

گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە سىڭىپ كىرىش ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىمى ۋىدمان مائۇس مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر گېرمانىيەدە يېڭىدىن كۆپەيگەن تېخنىك ئىشچىلار ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئىشچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن %25 تۆۋەنلىدى، ھازىر گېرمانىيەنىڭ تېخنىك ئىشچىلار ئىش ئورنىدا تەخمىنەن 270 مىڭ بوش ئورۇن بار».