ھاشاراتلارنىڭ قانىتىدىن پايدىلىنىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىكى ئەڭ دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتنى تاپتى
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا تاشكۆمۈر دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى (تەخمىنەن 310 مىليون يىللار ئىلگىرى)دىكى ھاشارات قانىتىنىڭ تاشقاتمىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ بىر خىل چېكەتكىنىڭ قانىتى ئىكەنلىكىنى، چوڭ قاناتلىقلار ئەترىتى (Titanopteera)غا تەۋە غايەت زور گۆشخور ھاشارات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قانىتىنى يايسا 33 سانتىمېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بەزى چوڭ قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلار (يېڭىدىن بايقالغان بۇ تۈرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئالدى قانىتىنىڭ نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان بۇلۇڭى ۋە شەكلى بار بولۇپ، باشقا تاشقاتمىلار ياكى ھازىرقى زامان ھاشاراتلىرىنىڭ قانىتىدا نۇر قايتۇرۇش ۋە ئاۋاز ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ خىل شەكىل ۋە قۇرۇلمىلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بۇ تۈر ياكى قانات ئارقىلىق نۇر قايتۇرىدۇ ياكى پاراسلىغان ئاۋاز چىقىرىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، بۇمۇ ھاشاراتلارنىڭ قاناتتىن پايدىلىنىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.